خىتاي دائىرىلىرى تور ئويۇنلىرىغا چەكلىمە قويۇشقا باشلىدى

ۋال كوچىسى ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ تور ئويۇنلىرى توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاي رېجىمىنىڭ خەلقىنىڭ خۇسۇسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى دەۋرنىڭ مەھسۇلاتى دەپ قارالغان كاپىتالنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كونتروللۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ بىر قىسىم خۇسۇسىي كارخانىلىرىنى رەتكە سېلىش ئۈچۈن كەڭ-كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىغان.

ئېيتىلىشىچە، خىتاي رېجىمى خىتاي خەلقىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا نەچچە ئون يىل ئىچىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئارىلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ھەپتە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تور ئويۇنى ئويناش مەسىلىسى ھەققىدە يېڭىدىن قاتتىق چەكلىمىلەرنى قويغان. ئۇندىن باشقا ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى قاتتىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. بۇ تەدبىرلەر مودا مەدەنىيەت ئوبيېكتلىرىغا زەربە بېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، يۇقىرىقى تەدبىرلەر ئىجتىمائىي تۈزۈلمىنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ دۈشەنبە ياشلارنىڭ تور ئويۇنىغا بېرىلىپ كېتىش ھادىسىسىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، تور ئويۇنلىرى «مەنىۋى ئەپيۈن» دەپ سۈپەتلەنگەن. بۇ قائىدىنىڭ ياشلارنىڭ تور ئويۇنلىرىغا بېرىلىپ، ئوقۇش ۋە ئائىلە مەسئۇلىيىتىدىن يىراقلىشىپ كېتىش قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەزكۇر بەلگىلىمىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ دۈشەنبىدىن پەيشەنبە كۈنىگىچە تور ئويۇنى ئوينىشى پۈتۈنلەي چەكلىنىدىكەن. قالغان ئۈچ كۈندە پەقەت كەچ سائەت سەككىزدىن توققۇزغىچە تور ئويۇنى ئويناشقا بولىدىكەن.

ئۇندىن باشقا خىتاي يەنە يېڭى بىر ئەۋلاد ئوغۇللاردىكى «ئايال مىجەزلىك» مەسىلىسىنى تەنقىد قىلىدىغان تەشۋىقات ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ئۆزگىرىشنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1167 قېتىم كۆرۈلدى
01/09/2021 14:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق