خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋېنگىرىيەدە تارماق مەكتەپ قۇرۇش مەسىلىسىنى ئاۋازغا قويۇش تەستىقلاندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتنىڭ شەھەر باشلىقى گېرگېلى كاراكسونى(Gergely Karacsony)30-ئاۋغۇست فېيسبۇك ھېساباتىدا، ۋېنگىرىيە دۆلەتلىك سايلام كومىتېتىنىڭ خىتاي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇداپېشتتا شۆبە مەكتەپ قۇرۇش پىلانى مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش تەكلىپىنى تەستىقلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر مەملىكەتلىك سايلام كومىتېتىنىڭ قارارى سوتتا قارشىلىققا ئۇچرىمىسا، ئىمزا توپلاش كېلەر ئايدا باشلىنىدىغان بولۇپ، 200 مىڭ كىشىلىك ئىمزا توپلانسا، ئومۇميۈزلۈك ئاۋازغا قويۇش باشلىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بانكىسى تەمىنلىگەن بىر يېرىم مىليارد دوللارلىق قەرز بەدىلىگە، 2024-يىلىدىن بۇرۇن فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋېنگىرىيەدە تارماق مەكتەپ قۇرۇشىغا يول قويماقچى بولغان. مەزكۇر قارار كىشىلەرنى بۇ تۈرلەرنىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ ئالىي مائارىپىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىشى ھەققىدە ئەندىشىگە سالغان. بۇداپېشتتا بىر قانچە قېتىم مەزكۇر پىلانغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا ئوچۇق-ئاشكارا يېقىنلاشقانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

ھۆكۈمەت فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارماق مەكتەپ قۇرۇشنىڭ ۋېنگىرىيە ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باھانە كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تەنقىدچىلەر بۇ تۈردە ئېنىقلىق ۋە ئىلمىي ئەركىنلىكنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 46 ياشلىق شەھەر باشلىقى كاراكسونى كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا سايلامغا قاتنىشىپ، 2010-يىلىدىن بېرى باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋېنگىرىيەدە شۆبە مەكتەپ قۇرۇش تۈرىنى قوللايدىغان ئوربان بىلەن رىقابەتلىشىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1806 قېتىم كۆرۈلدى
01/09/2021 14:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق