خىتاي ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» سىياسىتىنى كۈچەيتمەكتە

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى» ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى «قول تۇتۇشۇش» «دوستلىشىش» ۋە «سەنئەتنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈش» نامىدىكى پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ، خىتاي رېجىمى يېقىنقى مەزگىللەردە ئالاھىدە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»قا مەجبۇرلاش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىگە خىتاي مەدەنىيىتىنى يىلتىز تارتقۇزۇشقا ئۇرۇنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاتالمىش «شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى» «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»نامىدا تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنى قەشقەر ۋىلايىتىگە كىرگۈزگەن. شاڭخەي شەھىرى يەنە ئاتالمىش «جۇڭخۇا كىلاسسىك يۈرۈشلۈك ئوقۇشلۇقلىرى»، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش چوڭ دەرسخانىسى» قاتارلىقلارنى تۈزۈپ، يۈرۈشلۈك تۈرلەرنى تەسىس قىلغان. شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىمۇ تور ئارقىلىق، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا «تاڭ شېئىرلىرى كوچىسىدا مېڭىش» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن.

خىتاي يەنە «ئازادلىق گېزىتى» قارمىقىدىكى ئاتالمىش «مەدەنىيەت مۇنبىرى»نى قەشقەر ۋىلايىتىگە كىرگۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئىجرا قىلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتە قالغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر ۋە ھەرخىل ناملار بىلەن خىتايلارنىڭ قىممەت قارشى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا.

بۇ خەۋەر 1496 قېتىم كۆرۈلدى
01/09/2021 11:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق