چېڭدۇدىكى ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسى پائالىيىتىنى توختاتتى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، چېڭدۇدىكى ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىمۇ خىزمەتلىرىنى توختاتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرىگە جايلاشقان غەربىي جەنۇب ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسى 30-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ئورگاننى پائالىيەتلىرىنى توختىتىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتقان. مەزكۇر سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەمەلدارى يۇقىرىقى باياناتنىڭ رەسمىي بايانات ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.

سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ شيادۇڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيۇشمىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشنى ۋە تىزىملاش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ ھەر بىر دۆلەتنىڭ خىتايدا پەقەت بىرلا رەسمىي سودا ئۇيۇشمىسىنى ساقلاپ قېلىشقا رۇخسەت قىلىدىغان بەلگىلىمىنى يولغا قويغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، چېڭدۇغا جايلاشقان غەربىي جەنۇب ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىغا قاراشلىق ئەمەس ئىكەن. ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باش ئىشتابى بېيجىڭدا بولۇپ، خىتاينىڭ باشقا بىر قانچە شەھەرلىرىدە ئىش بېجىرىش ئورنى بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1603 قېتىم كۆرۈلدى
01/09/2021 10:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق