تاراتقۇلار: تالىبانلار ھاۋا ئارمىيە كۈچىگە ئىگە بولدى

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشى ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلمايلا قېچىشى نەتىجىسىدە، تالىبانلار بىر قىسىم ھاۋا ئارمىيەسى كۈچىگىمۇ ئىگە بولغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىتىلغان بىر سىندا، تالىبانلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ «قارا بۈركۈت» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى قەندىھار ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇرۇپ ماڭغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ كۆرۈنۈش دۇنياغا تالىبانلارنىڭ ئاددىي قوراللار بىلەن قوراللانغان تەشكىلات ئەمەسلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. كابۇل 15-ئاۋغۇست تالىبانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن بۇيان، تالىبانلار ھەر خىل سۈرەتلەردە ئامېرىكىنىڭ قوراللىرى ۋە ماشىنىلىرىنى كۆرسەتكەن.

ئامېرىكىدىكى ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش ئالاھىدە باش مۇپەتتىشىنىڭ 6-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە ھۇجۇمچى تىك ئۇچارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 167 ئايروپىلان بەرگەن. ئەمما تالىباننىڭ بۇ 167 ئايروپىلانىنىڭ قانچىسىنى غەنىيمەت ئالغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەلۇم ساندىكى ئافغانىستان ھەربىي ئايروپىلانى ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇچۇش يولىغا توختىتىلغان. ھىندىستان كۆزەتكۈچىلەر تەتقىقات فوندىنىڭ ھەربىي ئاۋىياتسىيە دمۇتەخەسسىسى ئانگاد سىنگىنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبانلار شەھەرنى قولغا ئېلىپ ئالتە كۈندىن كېيىن تارتىلغان سۈرەتتە بەش ئايروپىلان كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كەم دېگەندە ئىككى MI-17 تىك ئۇچار، ئىككى UH-60 تىپلىق قارا بۈركۈت تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر تىك ئۇچار بار ئىكەن. 16-ئىيۇلدىكى يەنە بىر سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدە توققۇز قارا بۈركۈت ۋە ئىككى MI-17 تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 ئايروپىلان بار ئىكەن. تالىبانلار يەنە ھىرات، خوست، قۇندۇز ۋە مازار شەرىف قاتارلىق مۇھىم ھەربىي بازىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى قولغا ئالغان، ئەمما سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدىكى يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانلارنىڭ قانچىسى تالىباننىڭ قولىدا ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تالىبان ئىگىلىگەن ئايرودۇرۇملارنىڭ سۈرىتى، شۇنداقلا بۇ ئايرودۇرۇملاردا توختىتىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىنغان. بۇ ئايروپىلانلارنىڭ بەزىلىرى تالىبانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇنلا ئافغانىستاندىن ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، 2003-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا ئۆزى بىلەن بىللە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئافغانىستان ئارمىيەسىگە زور مىقداردىكى ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى بەرگەن. ئامېرىكا مەسئۇل ئورگانلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇلار ھەر خىل تىپتىكى 358 مىڭ 530 مىلتىق، 64 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتومات، 25 مىڭدىن ئارتۇق قول بومبىسى قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسى ۋە 22 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي ماشىنا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1200 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2021 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق