ئامېرىكا ئافغانىستاندىن تولۇق چېكىندى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللىدى

ئامېرىكا 30-ئاۋغۇست ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تاماملىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ ئوخشاش كۈندە ئافغانىستان ھەققىدە قارار ماقۇللىغان.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 30-ئاۋغۇست ئامېرىكا ئافغانىستاندىن تولۇق چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، 20 يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغان. ئەمما ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىشنى خالايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر تولۇق چېكىنەلمىگەن. ئافغانىستاندىن ئايرىلماقچى بولغان مىڭلىغان كىشى غەرب ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئايرىلىشقا ئامالسىز قالغان.

تالىبان باياناتچىسى قارى يۇسۇف بايانات ئېلان قىلىپ: «ئەڭ ئاخىرقى ئامېرىكا ئەسكىرى كابۇل ئايرودۇرۇمىدىن ئايرىلدى. دۆلىتىمىز ھەقىقىي مۇستەقىللىققا ئېرىشتى» دېگەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن تولۇق چېكىنگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «خەلقئارا جەمئىيەت تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلىشنى خالايدىغان كىشىلەرنى دۆلەتتىن بىخەتەر ئايرىلىشىغا يول قويىدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى 20 يىللىق ھەربىي ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ خەتەر ئىچىدە چېكىنىش ھەرىكىتىنى تاماملىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى 30-ئاۋغۇست قارار ماقۇللاپ، تالىباننى ئافغانىستاندىن ئايرىلىشنى خالايدىغان كىشىلەرنى بىخەتەر ھالدا ئافغانىستاندىن ئايرىلىشقا رۇخسەت قىلىشقا چاقىرغان. ئەمما مەزكۇر قاراردا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون 29-ئاۋغۇست ئوتتۇرىغا قويغان كابۇلدا بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان.

قاراردا يەنە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، ئافغانىستاندا ھۆكۈمەت تەشكىللەش مەسىلىسىنى سىغدۇرۇشچان سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ھەمدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر قارار 13 ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن.

بۇ خەۋەر 1074 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2021 14:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق