خىتاي پۇقرالىرى خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىدىن نەپ ئالماقتا

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي پۇقرالىرى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش جىنايىتىگە ماس قەدەمدە ھەمكارلاشقان ۋە بۇنىڭدىن نەپ ئالغان.

خىتاي دائىرىلىرى 25-ئاۋغۇست قەشقەر شەھىرىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆيىدىكى گىلەم ۋە ئەنئەنىۋى ئۆي سەرەمجانلىرىنى ئېلىۋېتىپ، بېكىتىلگەن ئۆي جاھازىلىرىنى قويۇشقا بۇيرۇغان. بۇ سەۋەبلىك ئۆي سەرەمجانلىرى بازار ئېھتىياجىنى قامدىيالمىغان. ئۆي سەرەمجانلىرىنى ساتىدىغان خىتاي سودىگەرلىرى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىتىگە ماس ھالدا، ئۆي سەرەمجانلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن جىددىي كىرگۈزۈشكە باشلىغان.

مەزكۇر سىندا خىتاي سودىگەرلەرنىڭ قەشقەر شەھىرىگە زور مىقداردا سافا، تاماق ئۈستىلى، ئورۇندۇق، كارىۋات قاتارلىق ئۆي جاھازىلىرىنى كەلتۈرگەنلىكى، شۇنداقلا توختىماي مال كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.

قەشقەر شەھەر دائىرىلىرى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، گىلەم قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئۆي سەرەمجانلىرىنى ئېلىۋېتىش ۋە سافا، تاماق ئۈستىلى، كارىۋات قاتارلىق ئۆزلىرى بېكىتكەن ئۆي جاھازىلىرىنى قويۇشقا بۇيرۇغانىدى، شۇنداقلا خەلققە: «ھازىرغىچە گىلەمنى ئېلىۋەتمىگەن، ئۆيگە سافا-شىرە ئالمىغانلار تەلەي سىناش خىيالىدا بولماڭلار، كېيىن پۇشايمان قىلغاننىڭ ئورنى يوق» دېگەندەك تەھدىت سالغانىدى.

بۇ خەۋەر 1225 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2021 12:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق