قورچاق ئەمەلدار: تالىبانلار «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بىلەن چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىشى كېرەك

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەت بايانات ئېلان قىلىپ: «تالىبانلار شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بولغان چەك-چېگرانى ئايرىپ، ئۇلارغا قەتئىي زەربە بېرىشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان. 

خىتاي مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» 30-ئاۋغۇست ئەتىگەن بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ باياناتچىسى قورچاق ئەمەلدار ئېلىجان ئىنايەت: «ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىق تېررور كۈچلىرى شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىش مەقسىتىدە قۇتراتقۇلۇق قىلدى. بىر قاتار زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زور زىيان يەتكۈزدى» دەپ بىلجىرلىغان.

ئېلىجان ئىنايەت يەنە: «تالىبانلار شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان چەك -چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، ئۇلارغا قەتئىي زەربە بېرىشى، رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىقىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىشتە ئاكتىپ رول ئويناپ، پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك» دېگەن.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ باياناتچىسى شۈي گۈيشياڭمۇ: «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقنىڭ تەھدىتىنى قەتئىي تۈگىتىش، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنىي ئىناقلىق قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار سىياسىي تەدبىرلەر قوللىنىلدى» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتىدىن جىددىيلەشكەن خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن تالىبانلارغا ياخشىچاق بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى ئاشكارىلاپ، تالىبانغا قايتا-قايتا چاقىرىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بىر قىسىم ئانالىزچىلار يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ ئىزچىل ھالدا «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» دېگەن نامنى ئەمەس، بەلكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دېگەن نامنى ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە قارشى بىر قوراللىق تەشكىلاتنى كىچىك كۆرسىتىشنى ۋە خىتاي ئىچىدە باشقىچە تەسىر بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 1274 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2021 10:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق