ئامېرىكا ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئافغانىستان كىرىزىسى ھەققىدە تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئافغانىستان كىرىزىسى ھەققىدە تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسىسى ھەققىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسىدە مۈجمەللىك بار ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 29-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ شۇ كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، سۆھبەتتە تالىباننىڭ ئافغانىستان خەلقى ۋە چەت ئەل پۇقرالىرىغا بىخەتەر چىقىش يولى ۋە ئەركىنلىك بېرىشى ھەققىدىكى ۋەدىسى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تالىباندىن مەزكۇر ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق تېلېفون سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاي ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى تەپسىلىي ئېلان قىلغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارارى بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغان. شۇنداق بولغاندىلا خادىملار ئافغانىستاندىن بىخەتەر چېكىنىپ چىقالايدىكەن ھەمدە ئافغانىستان تېررورلۇقنىڭ بىخەتەر ئۇۋىسغا ئايلىنىپ قالمايدىكەن. ئەمما ۋاڭ يىنىڭ ئېيتىشىچە، بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ھەرىكىتى توقۇنۇشنى كۈچەيتىش ئەمەس، بەلكى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىشى، ئافغانىستان ئۆتكۈنچى ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشتىن خالى ھالدا ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇندىن باشقا يەكشەنبە دۇنيادىكى 100 گە يېقىن دۆلەت ۋە ئامېرىكا بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، تالىبانلارنى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا ۋە بارلىق چەت ئەل پۇقرالىرى ۋە ۋىزا ئالغۇچىلارنىڭ بىخەتەر ۋە تەرتىپلىك ھالدا چېگرادىن ئايرىلىشىغا، بىخەتەر چىقىش يولى بېرىشكە چاقىرغان، ئەمما خىتاي بۇ بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويمىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ يى يەكشەنبە كۈنى تېلېفون سۆھبىتىدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تالىبانلار بىلەن ئالاقىلىشىشى ۋە ئۇلارنى ئاكتىپ يېتەكلىشى كېرەكلىكى، ئامېرىكا يېڭى ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نورمال ھەرىكىتىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېىن «ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم شېرىكلەر» ئاساسىدا مىنىستىرلار سىنلىق يىغىنى چاقىرىپ، كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. بۇ شېرىكلەر كانادا، فىرانسىيە، رۇسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە، تۈركىيە، قاتار، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ خەۋەر 705 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2021 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق