ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى خىتاي ئارمىيەسى بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 27-ئاۋغۇست خىتاي ئارمىيەسى بىلەن تۇنجى قېتىم سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى خەتەرنى كونترول قىلىش ئاساسلىق تېما بولغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۆھبەتكە قاتناشقان كىشى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇئاۋىن ياردەمچىسى مايكىل چېيسMichael Chaseئىكەن. ئۇ ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ئارمىيەسى خەلقئارا ھەربىي ھەمكارلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گېنېرال مايور خۇاڭ شۆپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان خىتايغا قارشى تۇرۇش ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ يادروسىغا ئايلاندى. بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتنى بۇ ئەسىردىكى «ئەڭ چوڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي سىناق» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىدىكى كەسكىنلىشىش، تەيۋەن ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىن تارتىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىك مەسلىسىگىچە كېڭەيگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا ئەمەلدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا: «ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇداپىئە ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەر سىن يىغىنى ئاچقانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ئوچۇق ئالاقە يولىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېخى سۆھبەتلەشمىگەن. بۇنىڭ سەۋەبى ئىككى تەرەپنىڭ ئوستىننىڭ خىتاي ئەمەلدارى ئىچىدىكى تەڭ دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا تالاش-تارتىش بولغانلىقىدا ئىكەن.

مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ھارىس 27-ئاۋغۇست ئامېرىكىنىڭ رىقابەتنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن توقۇنۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئەمما جەنۇبىي دېڭىزدىكى دېڭىز ماجىراسىغا قارىتا پىكىر بايان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

خىتاي ۋىيېتنام، برۇنېي، مالايشىيا، فىلىپپىن ۋە تەيۋەن جەنۇبىي دېڭىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ رايون جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان مۇھىم سۇ يولى، شۇنداقلا مول تەبىئىي گاز ۋە بېلىقچىلىق بايلىقىغا ئىگە ئىكەن. خەۋەردە قەيت قىلىنشىچە، بايدېن شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان خىتايغا قاراتقان جازانى كۈچەيتكەن. سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، پىرېزىدېنت بايدېن ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە تاشقى سىياسىتىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشنى پىلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 694 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2021 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق