ئامېرىكا ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ خۇلاسىسىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا 27-ئاۋغۇست ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ خۇلاسىسىنى ئېلان قىلغان. ئەمما ئامېرىكا ئىستىخبارات ساھەسىدە بۇ مەسىلە ھەققىدە يەنىلا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنمىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن تەكشۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى ئىستىخبارات تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىدە يەنىلا ئوخشىمايدىغان پىكىرلەردە بولغان. ئەمما ئۇلار ۋىرۇس باشلىنىشتىن بۇرۇن خىتاي تەرەپنىڭ ۋىرۇسنى بىلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن.

تولۇق ئاشكارىلانمىغان خۇلاسىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئىستىخبارات تارماقلىرى ئىچىدىكى تۆت ئورگان ۋىرۇسنىڭ ئەسلىدە ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا تارقىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى بىلدۈرگەن. بەشىنچى ئورگان ئوتتۇراھال ئىشەنچ بىلەن ئىنسانلارنىڭ تۇنجى يۇقۇملىنىشى تەجرىبىخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان. تەھلىلچىلەر ۋىرۇسنىڭ بىيولوگىيەلىك قورال سۈپىتىدە ياسالغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ، كۆپىنچە ئورگانلار ۋىرۇسنىڭ گېنى ئۆزگەرتىلمىگەن دەپ قارايدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باش تەپتىش ئىشخانىسى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ داۋاملىق خەلقئارالىق تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا قارشى تۇرغانلىقى ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرنى ئەيىبلەيدىغانلىقى، ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن، چوقۇم خىتاينىڭ ھەمكارلىقى بولۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەسىلىسى يەنىلا خەلقئارالىق جىددىي ئاممىۋى ساغلاملىق مەسىلىسى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولۇپ، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن كونسېرۋاتىپ تەرەپتارلىرى خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنى تەجرىبىخانىدا ۋىرۇسنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئامېرىكا سابىق پىرېزىدېنتى تىرامپ رەھبەرلىكىدىكى ئەمەلدارلار بىر قاتار پاكىتلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىنىڭ ۋىرۇس تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى. شۇنداقلا ۋۇخەن شەھىرىگە جايلاشقان مەزكۇر تەجرىبىخانىنىڭ تۇنجى ۋىرۇس تارقالغان جاي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

پىرېزىدېنت بايدىن باياناتىدا: «خىتاي ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە باشتىن-ئاخىر توسقۇنلۇق قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭ جاۋابىنى بىلىشى كېرەك، بىز جاۋابقا ئېرىشمىگۈچە توختاپ قالمايمىز. بۇ ئىشتا مەسئۇلىيىتى بار دۆلەتلەر بۇ مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ » دېگەن.

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشىگە قارشى ھۇجۇم قىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇدىرى فۇ سۇڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «خىتاينى قارىلاش ئامېرىكىنى ئاق بالىخان قىلالمايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا خىتايغا ئاساسسىز ھۇجۇم قىلماقچى بولسا، ئەڭ ياخشىسى خىتاي قايتۇرما ھۇجۇمغا تەييارلىق قىلىش كېرەك» دېگەنىدى.

بۇ خەۋەر 682 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2021 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق