تۈركىيەدىكى شياۋمى شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئۇنىۋېرسال تېلېۋىزىيە تورىنىڭ 27-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى شياۋمى ۋە ئۇنىڭ شېرىكى سالكومپنىڭ ئىستانبۇل ئاۋجىلار رايوندىكى زاۋۇت ئىشچىلىرى خىتاينىڭ ئالدامچىلىقى سەۋەبلىك ئىش تاشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىشچىلارغا ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدە مائاش بەرگەن شياۋمى ۋە ئۇنىڭ شېرىكى سالكومپ شىركىتىدە 800 ئەتراپىدا ئىشچى ئىشلەيدىغان بولۇپ، شىركەت ئۇلارنى ناچار شارائىتتا ئىشلەتكەن. كۈندە سەككىز سائەت ئىشلەش توختامى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئىشچىلارنى كۈندە 11 سائەت ئىشقا سالغان. ئىش ھەققىنى تولۇق بەرمىگەننى ئاز دەپ، بىرلىشىپ ھەققىنى تەلەپ قىلغان ئىشچىلارنى ئىشتىن قوغلىغان. ئاخىرىدا ئىشچىلار خىتاي شىركىتىنىڭ ناھەقچىلىكىگە قارشى ئۇيۇشما تەشكىللەپ، ئىشتىن قوغلانغانلار بىلەن ئىشلەۋاتقانلار بىرلىشىپ ئىش تاشلاپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

ئىشچىلارنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، شىركەت ئىشچىلارغا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە 1900 لىرا ئىش ھەققى بەرگەن. ئىشقا كىرگەندە سەككىز سائەت ئىشلەشكە توختاملاشقان بولسىمۇ، ئەمما شىركەت ئىشچىلارنى كۈندە 11 سائەتكىچە ئىشقا سالغان. ئىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغۇچە نامايىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىشتىن بوشىتىلغان يۈجەل قاراتال ئەپەندى مۇخبىرغا: «مەن شىركەتكە مېيىپ نامىدا كىرگەن. ئەمما شىركەت ماڭا مېيىپلارنى ئىشلىتىدىغان ئۆلچەمدىن كۆپ خىزمەت بۆلۈپ بەردى. بۇ خىل بېسىمدىن كېيىن بىز ئۇيۇشما قۇرۇشنى قارار قىلدۇق. بىز ئۇيۇشما تەشكىللەپ ھەققىمىزنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىنلا شىركەت بىزنى ئىشتىن بوشاتتى. بىز سەككىز سائەت ئىشلەشكە كېلىشكەن بولساقمۇ، ئەمما بىز ئەزەلدىن 8 سائەت ئىشلەپ باقمىدۇق. بىزنىڭ ھەر كۈنى ئىشلىگەن ۋاقتىمىز 10-11 سائەت بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن مائاشىمىزنى ئالالمىدۇق» دېگەن.

خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىشچىلارنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئېزىشى خىتايدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولسىمۇ، بۇ قىلمىشىنى چەت ئەلدىمۇ داۋاملاشتۇرۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 1416 قېتىم كۆرۈلدى
28/08/2021 18:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق