ياپونىيە ھەربىي ئايروپىلانى خىتاينىڭ ئۈچ ھەربىي ئايروپىلانىنى توسۇپ قالدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە ھەربىي ئايروپىلانى يېقىنقى ئۈچ كۈندە خىتاينىڭ ئۈچ ھەربىي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى جىددىي توسۇۋالغان.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۇنىۋېرسال خىزمەتچىلەر ۋە نازارەت قىلىش تارماقلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ياپونىيە قوغدىنىش قىسىمى 24-ئاۋغۇست شەرقىي دېڭىزدا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ TB-001 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى بايقىغان. 26-ئاۋغۇست خىتاي ئارمىيەسىنىڭ يەنە بىر TB-001 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى شەرقىي دېڭىزىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ، مىياكو بوغۇزىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتكەن. ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 25-ۋە 26-ئاۋغۇست كۈنلىرى خىتاي ئارمىيەسى يەنە 8Q تىپلىق دېڭىز چارلاش ئايروپىلانى ۋە 9JB تىپلىق ئېلېكتىرونلۇق رازۋېدكا ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن بىرلىكتە ئۇچقان.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۇنىۋېرسال خادىملارنى نازارەت قىلىش تارماقلىرى تارقاتقان خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە قوغدىنىش قىسمى ئۇدا ئۈچ كۈن كۈرەشچى ئايروپىلان ئەۋەتىپ، خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلغان ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ BZK-005 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى خىتاي ئارمىيەسى تەمىنلىگەن تۇنجى ئۇزۇن مۇددەت ئۇچالايدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر، ئۇچۇش ۋاقتى 40 سائەت ئىكەن. بۇ ئايروپىلان ئاساسلىقى خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىستراتېگىيەلىك رازۋېدكا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، BZK-005  تىپىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەڭ يېڭى ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق دېڭىزدىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1702 قېتىم كۆرۈلدى
28/08/2021 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق