يەكەن ناھىيەسىنىڭ جايتېرەك كەنتىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ئورنى بارلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي دىۋىزىيە كۈندىلىك گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو يەكەن ناھىيەسىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، خەۋەردىكى تەپسىلاتلار يەكەن ناھىيەسى زەرەپشان كوچا باشقارمىسى جايتېرەك كەنتىدە كەنت ئاھالىسىنى ئىشلىتىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ئورنى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يەكەن ناھىيەسى زەرەپشان كوچا باشقارمىسى جايتېرەك كەنتى ئاتالمىش «كەسىپ+ئىگىلىك تىكلەش+ساياھەت» ئورۇنى بار بولۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى 1800دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئاتالمىش «ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە تەشكىللىگەن. خىتاي دېھقانلار ئارامگاھى، تىككۈچىلىك دۇكىنى قاتارلىق مەركەزلەرنى تەسىس قىلىپ، كەنت ئاھالىسىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، چېن چۈەنگو يەنە يەكەن ناھىيەسىدىكى كىيىم تىكىش، كىۋارتىسلىق سائەت ئۆزىكى ياساش قاتارلىق مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ھەممىسىگە ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى سىڭدۈرۈش، يېزىلارنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. 

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ھەرخىل تۆھمەت ۋە باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى زور تۈركۈمدە تۇتقۇن قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈرمىلەردە تەسىس قىلىنغان مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىدا مەجبۇرىي ئىشقا سالغان. تۈرمە سىرتىدا قالغان ئاممىنى بولسا ئاتالمىش «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەندەك ناملار بىلەن يېزا-كەنتلەردە سېلىنغان زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئىشلىتىپ كەلمەكتە. 

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ نۆۋەتتە تۈرلۈك خەلقئارالىق بېسىملارغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا تۈرلۈك ناملار ئاستىدا تەشۋىق قىلىپ، بۇ جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1069 قېتىم كۆرۈلدى
28/08/2021 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق