فورموسا كۇلۇبى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ش ئا ئە ت نى خىتايغا قارشى لىتۋانىيەنى قوللاشقا چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن فورموسا كۇلۇبى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ لىتۋانىيەگە زومىگەرلىك قىلىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە 27 دۆلەت ۋە كانادانىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن فورموسا كۇلۇبىنىڭ ئورتاق رەئىسلىرى ۋە مۇھىم ئەزالىرى 25-ئاۋغۇست ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل(Charles Michel)قاتارلىق مۇھىم ئەمەلدارلىرىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، لىتۋانىيەنىڭ ياۋروپادىكى باشقا 15 دۆلەتكە ئوخشاش تەيبېيدە ۋاكالەتخانا تەسىس قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ لىتۋانىيەدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىگە قارشى لىتۋانىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. 

مەكتۇپتا خىتاينىڭ مەجبۇرلاش قىلمىشىنىڭ خەلقئارالىق دىپلوماتىك پائالىيەتلەرگە ئېغىر زەرەر يەتكۈزۈپلا قالماي، لىتۋانىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئوچۇق-ئاشكارا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قىلىشىغا ئەرزىيدىغانلىقى، لىتۋانىيە مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەندە، دېموكراتىك دۆلەتلەر لىتۋانىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. 

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشى 20-ئاۋغۇست تەيۋەن ۋە لىتۋانىيە ھۆكۈمەتلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ تەيۋەننىڭ لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستا «تەيۋەن ۋاكالەتخانىسى» تەسىس قىلىشقا قوشۇلغان. ۋۇ جاۋشى بۇنىڭ تەيۋەننىڭ ياۋروپا دۆلىتىدە قۇرغان تۇنجى ۋاكالەتخانا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇندىن باشقا يەنە لىتۋانىيە ھۆكۈمىتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بازىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل كۈزدە تەيۋەندە ۋاكالەتخانا ئىشخانىسى قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لىتۋانىيە بىلەن تەيۋەننىڭ قويۇق ئالاقىسى خىتاينى قاتتىق نارازى قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 10-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ لىتۋانىيەدە دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي لىتۋانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، لىتۋانىيەگە ئىقتىساد ۋە سودا ساھەسىدە بېسىم ئىشلەتكەن بولۇپ، خىتاي تۆمۈر يول گۇرۇھىنىڭ تىرانسپورت تارماق شىركىتى خېرىدارلارغا خىتاينىڭ 8-، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا لىتۋانىيەگە بارىدىغان ھەپتىلىك يۈك پويىزىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن باشقا، بىر قىسىم لىتۋانىيە سودىگەرلىرى ئېكسپورت قىلغان ماللارنى يېڭىدىن زاكاز قىلمايدىغان بولغان.

بۇ خەۋەر 849 قېتىم كۆرۈلدى
28/08/2021 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق