كابۇل ئايرودۇرۇمىدىكى بومبا ھۇجۇمىدا 90 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى

26-ئاۋغۇست ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى ئايرودۇرۇم ئەتراپىدا ئىككى قېتىم بومبا پارتلاپ، ئافغانىستان پۇقرالىرى ۋە 13 ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 90 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھۇجۇمدىن سەل بۇرۇن، غەرب ھۆكۈمەتلىرى دائىشنىڭ يەرلىك تارمىقىنىڭ كابۇل ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان. 26-ئاۋغۇست كابۇلدىكى ئايرودۇرۇمنىڭ سىرتىدا ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 90 كىشى قازا قىلىپ، 150 كىشى يارىلانغان. ئامېرىكا تەرەپ قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە 13 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ بارلىقىنى دەلىللىگەن. بۇ ئامېرىكا ئارمىيەسى 2011-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان بىر كۈن بولغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلاردىن قورقمايدىغانلىقى، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى چوقۇم بەدەل تۆلىتىدىغانلىقى، ئەمما كابۇل ئايرودۇرۇمىدىكى تارقاقلاشتۇرۇشنى تاماملايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. شۇنداقلا تالىبان بىلەن دائىشنىڭ ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدە ئىسپات يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. تالىبان تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، قازا قىلغانلار ئىچىدە تالىباننىڭ ئەزالىرىدىن 28 كىشى بار ئىكەن.

نۆۋەتتە، دائىشنىڭ خۇراساندىكى تارمىقى بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە، تۇنجى ھۇجۇمنىڭ نىشانى كابۇل ئايرودۇرۇمىغا كىرگەن ئۈچ كىرىش ئېغىزىنىڭ بىرى بولغان ئەبى دەرۋازىسى بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى بۇ دەرۋازىدا ئايرودۇرۇمغا كىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. پارتلاشتىن كېيىن يېقىن ئەتراپتا مىلتىق ئاۋازى ئاڭلانغان. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئەبى دەرۋازىسىغا ئانچە يىراق بولمىغان بارون مېھمانخانىسىدىمۇ پارتلاش يۈز بەرگەن. ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرى بۇ مېھمانساراينى ئەنگلىيەگە ساياھەتكە بارماقچى بولغان ئافغانىستانلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەنىكەن.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى كېنىس مىكېنزى (Kenneth MacKenzie) ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا دائىشنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكا ئارمىيەسى تالىبانلار بىلەن ماسلىشىۋاتىدۇ، ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىۋاتىدۇ، تالىبانلار بەزى ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئالدى» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1094 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2021 13:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق