يېڭى دوكلات: 20 يىل ئىچىدە 4.5 مىليون ئۇيغۇر نوپۇسى يوقىلىشى مۇمكىن

گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس چەكلەش سىياسىتى داۋاملاشقان تەقدىردە، 2040-يىلىغا بارغاندا تۆت يېرىم مىليون ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار ئاساسىدا تەييارلىغان نوپۇزلۇق دوكلاتلىرى ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ كەلگەن گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز 24-ئاۋغۇست «ئوتتۇرا ئاسىيا تەكشۈرۈش ژۇرنىلى»دا «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى يوقىتىش: بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇس ئەلالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە ئانالىز» ناملىق يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسى بويىچە ھېسابلىغاندا، 2040-يىلىغا بارغاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ 13 مىليون 140 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى كېرەكلىكى، ئەمما خىتاي رېجىمىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان نوپۇس چەكلەش سىياسىتى سەۋەبلىك، كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە سەككىز مىليون 600 مىڭ بىلەن ئون يېرىم مىليون ئارىسىغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقى، يەنى تۆت يېرىم مىليون نوپۇسنىڭ يوقايدىغانلىقى بايان قىلىندى.

ئادرىيان زېنز دوكلاتىدا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ نوپۇس تەڭشەش سىياسىتى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى خىتاي نوپۇسىنى ھازىرقى %8.4 تىن %25 كە كۆپەيتىشنى پىلانلىغانلىقىنى، ئەمما پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش ئارقىلىقلا بۇ نىشانىغا يېتەلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات مەركىزى» (ASPI) بۇ يىل 12-مايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان ئاتالمىش «قانۇنسىز تۇغۇشقا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى، يەنى 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدىلا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ %48.74 تۆۋەنلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ياكى رىۋاندا ۋە كامبودژا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدىكى نوپۇس تۆۋەنلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى.

خىتاي رېجىمى بۇ ھەقتىكى دەلىل-ئىسپات ۋە دوكلاتلارنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپلا قالماي، بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلگەن تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە ھۇجۇم ۋە ھاقارەت قىلىپ كەلمەكتە. بۇ يىل مارت ئېيىدا بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى پىلانلىق ھالدا ئادرىيان زېنز ھەققىدە ئەرز سۇنغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي رېجىمى ئاشكارا ئېلان قىلغان، ئوچۇق مەنبەلەردىن ئېرىشىلگەن مەلۇماتلار ئاساسىدا تەييارلانغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ خىتاينىڭ بۇ ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلارنى نومۇسسىزلارچە ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا ۋەزىيەتنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1010 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2021 12:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق