خىتاي مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى: 900 مىڭ پارتىيە ئەزاسى پارتىيەدىن چىقىپ كەتتى

خىتاي مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مىنىستىرى چى جيابىن 26-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 18-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، 900 مىڭدىن ئارتۇق كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيەدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

چى جيابىن 900 مىڭدىن ئارتۇق كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيەدىن چىقىپ كېتىشىنى «پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى» دەپ ئاتىمىغان. بۇنىڭدىن مەزكۇر 900 مىڭدىن پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيەدىن چېكىنىپ چىققانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدىكەن.

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى 6-ئايغىچە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 95 مىليون 148 مىڭ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى 4 مىليون 864 مىڭ ئىكەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كومپارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن «قىزىل سىزىق» ۋە «ئاخىرقى سىزىق» سىزىلىپ، ئىنتىزام قاتتىق نازارەت قىلىنغان ۋە ئىجرا قىلىنغان. خىتاي كومپارتىيەسىگە كىرىش ئۆلچىمىنى قاتتىق كونترول قىلغان ھەمدە «سىياسىي ئۆلچەم»نى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇدا 70 يىلدىن كۆپرەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، سىياسەت بىلەن سودا، ھوقۇق بىلەن پۇل چەمبەرچاس باغلانغان بىر سىستېمىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەگەر پارتىيەدە يەنە سىياسىي ئىسلاھات بولمايدىغان بولسا، پارتىيە ۋە جەمئىيەتنى قاپلىغان كەڭ كۆلەملىك چىرىكلىك ئادىتى داۋاملىق مەۋجۇت بولىدىكەن. بىر مىليونغا يېقىن كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيەدىن ئايرىلىشى كومپارتىيە ئىچىدە بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن. شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش نامىدا قارشى پىكىردىكى ئۆكتىچىلەرگە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ يولىنى توسماقچى بولغان ياكى ئۇنى تەنقىد قىلغانلارغا زەربە بەرگەنلىكى توغرىسىدا تەنقىدلەر كۆپەيگەن. بەزىلەر يەنە ئەگەر چىرىكلىككە چېتىشلىق بارلىق پارتىيە ئەزالىرى قوغلاپ چىقىرىلسا، كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ خەۋەر 937 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2021 10:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق