تۆت دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى خىتايغا قارشى ھەربىي مانېۋىرىنى باشلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيەلىرى 26-ئاۋغۇست خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە، مالابار بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى باشلىغان.

ئامېرىكا يەتتىنچى فىلوتىنىڭ چارشەنبە ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرى پەيشەنبە فىلىپپىن دېڭىزىدا 2021-يىللىق مالابار بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى باشلىغان. بۇ بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئۇرۇش، ھاۋا ئۇرۇشى، راست ئوق سىنىقى، دېڭىزدا ئارقا سەپ تەمىناتى مەشىقى، قارشى تەرەپ ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ پالۇبىسىدا ئايروپىلاننى ئۇچۇرۇش ۋە چۈشۈرۈش ئارىلاشما مەشغۇلاتى ۋە دېڭىز-ئوكياننى توسۇش قاتارلىق باسقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسىملىرىمۇ بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىپ، ئادەتتىن تاشقىرى دېڭىز تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىدىكەن. ئامېرىكا تىنچ ئوكيان فىلوتىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى بىرىنچى نومۇرلۇق پاراخوتى دەپ قارالغان يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوغلىغۇچى بېررى بولسا، سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرغا رەھبەرلىك قىلىدىكەن. بېررى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە ناھايىتى ئاكتىپ بولۇپ، 2020-يىلى تەيۋەن بوغۇزىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈپ، جەنۇبىي دېڭىزغا كىرىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلغان.

يەتتىنچى فىلوتنىڭ باياناتىدا: «ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيەدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت دائىم ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەمكارلىشىپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدايدىغان ۋە رەزىل كۈچلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ» دېيىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ھارىس بۇ ھەپتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا زىيارىتى جەريانىدا، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى باشقا دۆلەتلەرگە داۋاملىق تەھدىت سېلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى چەكتىن ئاشقان ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىش قىلمىشى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايغا قارىتا بېسىمنى ئاشۇرۇشقا چاقىرغان. خىتاي ئەمەلدارى بۇندىن بۇرۇن تۆت دۆلەت دۆلەتنى «شايكا تەشكىللەپ رايوندا داۋالغۇش پەيدا قىلدى، تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزدى» دەپ كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەن.

بۇ خەۋەر 773 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2021 10:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق