تالىبان رۇسىيەنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبان رۇسىيەنىڭ ئافغانىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى ئېچىش قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە سىپاتنىك ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ژىرنوف تالىبانلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان چېگرا تىنچلىقنى ساقلاپ، كەلگۈسىدە ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ژىرنوف تور تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «مېنىڭچە تالىبانلار قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق تۈرلەردە ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تىنچ قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلماقتا» دېگەن.

ژىرنوف يەنە: «تالىبانلار رۇسىيەنىڭ تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا بۇ بىزنىڭ شىركەتلىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە» دېگەن.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىلگىرى ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە گېئولوگلار ئافغانىستاندا تەخمىنەن بىر تىرىليون دوللار قىممىتىدىكى كان بايلىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا ئافغانىستاننىڭ ھەممىلا يېرىدە تۆمۈر، مىس ۋە ئالتۇن كانى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز ئۇچرايدىغان مىنېرال ماددىلار بار ئىكەن. ئىگىلىنىشچە، ئافغانىستاندا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ لىتىي كانى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 753 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2021 09:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق