ئاۋسترالىيەدىكى بىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلارنى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى

ئاۋسترالىيە خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورندا بىر خىتاينىڭ ئىككى ئۇيغۇر بالىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلار ئاشكارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، جى جيەنگاڭ ئىسىملىك 36 ياشلىق خىتاي دۈشەنبە ئەتىگەن سائەت 8:45 دە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە پىچاقلىق بېسىپ كىرگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۆيدە ئىككى بالا ۋە ئانىسىلا بار بولۇپ، خىتاي 32 ياشلىق ئانىنى يارىلاندۇرغان ۋە ئىككى بالىنى بۇلاپ قاچقان. ئۇ بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ 50 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى مېرسىدىس ماشىنىسىنىمۇ ئوغرىلىغان.

ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بالىلارنىڭ ئانىسى سىرتقا يۈگۈرۈپ چىقىپ، يولدىن ئۆتكەنلەردىن ياردەم سورىغان بولۇپ، ساقچىلار ئون مىنۇت ئىچىدە يېتىپ كېلىپ، ئىزدەش خىزمىتىنى باشلىغان. نەتىجىدە تەخمىنەن ئون ئىككى سائەتتىن كېيىن بەش ياشلىق ئادىلە ۋەلى ۋە ئۈچ ياشلىق بىلال ۋەلى ئۆيىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىن تېپىلغان. ساقچىلار جى جيەنگاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئەر ۋە بىر ئايال خىتاينى قولغا ئالغان.

بەختكە يارىشا ئىككى بالا ساق-سالامەت بولۇپ، ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئىنتايىن قەيسەرلىك بىلەن تۇرغانلىقىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. نۆۋەتتە بالىلارنىڭ يارىلانغان ئانىسىمۇ دوختۇرخانىدىن چىققان.

ئاۋسترالىيە 9-قانىلىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جى جيەنگاڭ ئىسىملىك خىتاي بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولۇپ، تۇتقۇن قىلىنغان بالىلارنىڭ دادىسى ئۇنىڭ خوجايىنى ئىكەن. مەزكۇر خىتاي بالىلارنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق، ۋەلى ئائىلىسىدىن بىر مىليون دوللار تەلەپ قىلغان.

جى جيەنگاڭ تۈنۈگۈن توردا ئۆتكۈزۈلگەن سوتقا قاتناشقان بولۇپ، قالغان ئىككى ئەر ۋە بىر ئايال خىتاي قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ گۆرۈگە ئېلىش، قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىش، ھۇجۇم قىلىش، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە ماشىنا ئوغرىلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئادۋوكاتى بولسا ئۇنىڭدا روھىي كېسەللىك بار، دەپ گۇمان قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزۈشى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر دېلو 17-دېكابىرغا كېچىكتۈرۈلگەن بولۇپ، جىنايەتچى جى جيەنگاڭنى كېپىللىككە قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىلتىماسمۇ سۇنۇلمىغان.

بۇ خەۋەر 1033 قېتىم كۆرۈلدى
26/08/2021 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق