تەيۋەن بىلەن ياپونىيە بىخەتەرلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزمەكچى

تەيۋەن ۋە ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن بىلەن ياپونىيە 27-ئاۋغۇست بىخەتەرلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيەسى بىلەن ياپونىيە لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسى جۈمە كۈنى مۇھىم بىخەتەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن. يىغىنغا قاتنىشىدىغان دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى لو جىجېڭ فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا: «بۇ ياپونىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق سۆھبەتنى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە رايون بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىمىز» دېگەن.

لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلار ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ماساخىسا ساتو (Masahisa Sato) ياپونىيەنىڭ تەيبېينى ئەمەس، بەلكى بېيجىڭنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقى، سۆھبەت مىنىستىرلار دەرىجىلىك سۆھبەتنىڭ ئورنىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئۇ يەنە: «سۆھبەت زۆرۈر بولۇپ قالدى. چۈنكى تەيۋەننىڭ كېلەچىكى ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇھىم دەپ قارايمىز» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچى ۋاڭ ۋېنبىن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «تەيۋەن خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى. خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەرنىڭ ھەر قانداق يوسۇندا تەيۋەن بىلەن رەسمىي ئالاقە قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىغا ئوخشاش خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ تالاش-تارتىشى سەۋەبلىك بارغانسېرى جىددىيلەشكەن. يېقىندا تارقىتىلغان دۆلەت مۇداپىئەسى ئاق تاشلىق كىتابىدا، توكيو ھۆكۈمىتى ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن بىۋاسىتە باغلىغان.

بۇ خەۋەر 734 قېتىم كۆرۈلدى
26/08/2021 12:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق