ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تالىبان بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئاشكارىلاندى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە تالىباننىڭ ئافغانىستاننى تېز سۈرئەتتە ئىگىلىشى بىلەن، ئۇلارنىڭ تاشقى سىياسىتى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بىر پەيتتە، خىتاي ۋە ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئەمەلدارلىرى ئايرىم -ئايرىم ھالدا تالىبان بىلەن كۆرۈشكەن.

تالىباننىڭ قاتار پايتەختى دوھادا تۇرۇشلۇق باياناتچىسى مۇھەممەد نايىم 24-ئاۋغۇست تىۋىتتېردا تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ كابۇلدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە خىتاينىڭ ياردىمى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقىت گېزىتىمۇ 25-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، تالىبان بىلەن خىتاينىڭ راۋان ئالاقىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، كابۇلنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلىشىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق سۇپا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ۋە ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بولسا ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنسنىڭ(William Burns)23-ئاۋغۇست كابۇلدا تالىبان رەھبىرى ئابدۇلغەنى بىرادەر بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بولسا ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان. بۇ كۆرۈشۈش تالىبان ئافغانىستاننى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن تالىبان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە ئۇچرىشىشى ئىكەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي تاراتقۇلىرى تالىبانغا قارىتا ئىجابىي تەشۋىقاتنى باشلىغان بولۇپ، بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى «ئامېرىكا بىزنىڭ دۈشمىنىمىز، دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى بىزنىڭ دوستىمىز» دەپ تالىباننى قوللىغان. يەنە بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى بولسا قارشى پىكىردە بولۇپ، تالىباننى قوللىماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 831 قېتىم كۆرۈلدى
26/08/2021 11:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق