ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا ھارىس خەلقئارا جەمئىيەتتىن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتىلغان بېسىمىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ھارىس ۋىيېتنام زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنى قىلغان سۆزىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسىغا قارشى بېسىمنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھارىس ۋىيېتنام پىرېزىدېنتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتىن ئىلگىرى يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان. ئۇ يەنە خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى»گە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىش ھەمدە ئۇنىڭ باشقىلارغا زومىگەرلىك قىلىش قىلمىشى ۋە دېڭىز-ئوكياندىكى چېكىدىن ئاشقان ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىگە جەڭ ئېلان قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھارىس ۋىيېتنام زىيارىتى جەريانىدا يەنە، ئامېرىكىنىڭ ۋىيېتنامغا بىر مىليون تال خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى بېرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ خانويدا يېڭى ئىشخانا قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىڭ ھارىسنىڭ خىتاينى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئەيىبلىگەنلىكىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ «رايون ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بۇزۇشى»غا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇندىن ئىلگىرى، ھارىس سىنگاپوردا قىلغان سۆزىدە: «ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئۆز-ئارا بېرىش-كېلىش ھەرىكىتى مەلۇم بىر دۆلەتنى نىشان قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، شۇنداقلا ھەر قانداق بىر دۆلەتتىن تەرەپ تاللاشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رايون ئىشلىرى ۋە تەرەققىياتىغا قاتنىشىپ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي كۈچىنى قاتتىق كېڭەيتكەن بولۇپ، بىر تەرەپتىن، سۈنئىي ئارال ۋە خادا تاشلاردا ھەر خىل ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ۋىيېتنام تەلەپ قىلغان باشقا ئاراللار ۋە خادا تاشلارغا قارىتا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلغان. بايدېن ھۆكۈمىتى بولسا خىتاينىڭ تەسىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 800 قېتىم كۆرۈلدى
26/08/2021 10:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق