خىتاي «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى»نى دەرسلىك كىتابلارغا رەسمىي كىرگۈزدى

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى»نى رەسمىي ھالدا دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزگەن.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى 24-ئاۋغۇست ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاتالمىش «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈش قوللانمىسى»نى ئېلان قىلغان. مەزكۇر قوللانمىدا شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى ھەرقايسى دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان ۋە تەپسىلاتلىرى بايان قىلىنغان.

قوللانمىدا شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپنى قاپلىشى كېرەكلىكى، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ دەرسلىكلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ سىڭدۈرۈۋېتىش كېرەكلىكى، باشلانغۇچتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان دەرسلىكلەردە باشتىن-ئاخىر تۇتاشقان ھالەتتە بولۇشى كېرەكلىكى، ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ نازارەت قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يىلسېرى كۈچىيىشى نۆۋەتتە بارلىق ساھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە دەرسلىك كىتابلارغا زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەكتە. جۈملىدىن خىتاي دائىرىلىرى خوڭكوڭدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى دەرسلىك كىتابقىمۇ باغلىغان ۋە خوڭكوڭنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئاتالمىش «زەھەرلىك مەزمۇنلار»نى چىقىرىپ تاشلاش ھەققىدىكى پىكىرلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان.

بۇلاردىن سىرت خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە باھانە سۈپىتىدە، ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلاردا «ئېغىر مەسىلە» بارلىقىنى جار سالغان ۋە دەرسلىك تۈزگەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنى تۈركۈملەپ تۈرمىگە تاشلىغان. نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاندا ئوقۇتۇلۇۋاتقان يېڭى دەرسلىك كىتابلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلانغانلىقىنى، خىتايلاشتۇرۇش، قىزىللاشتۇرۇش مەقسىتىدە تاللانغان تېكىستلەرنىڭمۇ تامامەن خىتاي يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 758 قېتىم كۆرۈلدى
25/08/2021 14:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق