تالىبان يېڭى ھاكىمىيەت رامكىسىنى ئېلان قىلدى

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان سىياسىي ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد نايىم ئافغانىستاندىكى يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ ئومۇمىي رامكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئېلان قىلغان.

مۇھەممەد نايىم باياناتىدا ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئافغانىستاندىكى ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىسلام ھاكىمىيىتى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە يېڭى ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «خەلقنىڭ ئەھۋالى ۋە مۇقىملىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، چەت ئەلنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئېلىپ كەلمەيمىز. ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ھەققىدىكى قارار دۆلەت ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئاساسەن چىقىرىلىدۇ» دېگەن.

مۇھەممەد نايىم جازا ئىجرا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بېرىپ: بىز مۇسۇلمان، قۇرئان بىزنىڭ قانۇنىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرى دىنىمىزنىڭ ئاساسى. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە «بىر قىسىم ئەھكاملارغا ئىشىنىپ، بىر قىسمىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟» دېگەن تەنبىھ بار. بىز ئاللاھقا ئىشەنگەن ئىكەنمىز، مۇكەممەل ئىشىنىمىز، ئاللاھ بىزگە بۇيرۇغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ يولىمىز، شۇنداقلا بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ مىزانى» دېگەن.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە پىرىنسىپى بولغاچقا، بىز بۇنى چۈشىنىمىز ۋە ئويلىشىمىز. ھەر قانداق كىشىنىڭ خەلقنىڭ ئېتىقادى ياكى مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتىشىگە يول قويمايمىز» دېگەن.

مۇھەممەد نايىم باياناتىدا يەنە تالىباننىڭ كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن چېكىنىپ چىقىشى ئۈچۈن ماددىي شارائىت ۋە ئارقا سەپ ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، پىرېزىدېنت بايدېن ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ جەھەتتە ھېچقانداق يېڭى ئۆزگىرىش يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ يەنە 31-ئاۋغۇستتىن كېيىن تالىبانلارنىڭ كابۇل ئايرودۇرۇمىنى كونترول قىلىشى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ رايوننىڭ زېمىنىمىزنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىدە شەك يوق، بىز خەلقىمىز ۋە زېمىنىمىزغا مەسئۇل، ئېلىمىزنى كونترول قىلدۇق، بىز بارلىق پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. بۇ بىخەتەرلىك دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئايرودۇرۇمنىڭ بىخەتەرلىكىگە داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىمىز» دېگەن.

نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت تالىباننىڭ ئافغانىستاندا قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، تالىباننى ھەرقايسى تەرەپلەرنى سىغدۇرغان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرغان. تالىبان بولسا كۆپ دۆلەت قىسىملىرى ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقمىغۇچە، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1474 قېتىم كۆرۈلدى
25/08/2021 12:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق