G7 باشلىقلىرى ئافغانىستان كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 24-ئاۋغۇست ئەنگلىيەنىڭ رىياسەتچىلىكىدە سىنلىق يىغىن ئېچىپ، كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ كابۇلدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، G7 دۆلەتلىرى ئامېرىكىنى ئافغانىستاندىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 31-ئاۋغۇستتىن كېيىن داۋاملىق ئۇزارتىپ، كابۇلدىكى نەچچە ئون مىڭ ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرغان. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون ئەسكەر چېكىندۈرۈش مۇددىتىنى ئۇزارتىش پىكىرىگە قوشۇلغان. ئۇندىن باشقا فىرانسىيەمۇ كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ چېكىنىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى تەشەببۇس قىلغان.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون G7 باشلىقلىرى تور يىغىنى ھەققىدە بايانات قىلىپ، ئۆز پۇقرالىرىنى ۋە ئۆتكەن 20 يىلدا ئۆزلىرىگە ياردەم قىلغان ئافغانىستانلىقلارنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، G7 دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قول تىقىشى كېرەكلىكىنى، كېيىنكى باسقۇچتا ئافغانىستاندا ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان ئورتاق سىياسەت بېكىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن ھازىرغا قەدەر ئامېرىكىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىن بۇرۇن ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تاماملايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولۇپ، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى جون كىربىمۇ(John Kirby)بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە: «بىز مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ۋەزىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەركەزلىشىمىز» دېگەن.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو ماس( Heiko Maas)نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بېرلىن ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ كابۇلدىن ئايرىلىشىغا ياردەم بېرىشنىڭ باشقا يوللىرىنى تېپىشنى پىلانلىغان ۋە ئافغانىستاندىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆزلىشىشكە باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە تالىبان دۈشەنبىدىكى باياناتىدا ئەگەر ئەسكەر چېكىندۈرۈش مۇددىتى ئۇزارتىلسا، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. تالىبان باياناتچى سۇھەيل شاھىن 31-ئاۋغۇستنىڭ كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ چېكىنىشى ئۈچۈن قىزىل سىزىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1174 قېتىم كۆرۈلدى
25/08/2021 09:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق