خىتاي نومۇسسىزلارچە ۋىرۇس مەنبەسىنىڭ ئامېرىكىدىكى بىر ھەربىي بازا ئىكەنلىكىنى جار سالماقتا

ھۆرىيەت تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەربىي بازىدىن تارقالغانلىقى ھەققىدىكى سەپسەتە خىتايدا كۈنسېرى مودا بولۇۋاتقان تەشۋىقاتقا ئايلانغان.

خىتاي ۋىرۇسنىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدىن تارقالغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر خىتايدا كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكا خىتاي ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان. بۇ يىل ماي ئېيىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقىلىپ كەتكەنلىكى ياكى كىشىلەرنىڭ يۇقۇملانغان ھايۋان بىلەن ئۇچراشقانلىقى سەۋەبلىك پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى تەلەپ قىلغانىدى.

خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىكى ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىدىن تارقىلىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ۋە ئامېرىكا بۇ ھەقتە دوكلات ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر ۋاقىتتا، خىتاي بۇنىڭغا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولۇپ، ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكىدىكى بىر ھەربىي بازىدىن تارقالغانلىقى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان.

خىتاي بۇ تەشۋىقات ھەرىكىتىدە ۋىرۇسنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مارىلاند ئىشتاتىنىڭ فىرېدرىك شەھىرىگە جايلاشقان فورت دېترىكتىكى ھەربىي بازىدا ياسالغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەتتا خىتايدىكى بىر مىللەتچى رەپ ناخشا ئەترىتىنىڭ بىر ناخشا تېكىستىدىمۇ ۋىرۇسنىڭ فورت دېترىكتىن چىققانلىقى ھەققىدىكى سەپسەتە تىلغا ئېلىنغان. بۇ بازا ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ بىيولوگىيەلىك قورال تۈرىنىڭ باش ئورگىنى بولۇپ، ھازىر ئېبولا ۋە چېچەك قاتارلىق ۋىرۇسلارنى تەتقىق قىلىدىغان بىيولوگىيەلىك داۋالاش تەجرىبىخانىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەنمۇ بۇ سۆزلەرنىڭ خىتاينىڭ كۆڭلىدىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان بولۇپ، تاجاۋۇزچىلىق تاشقى سىياسىتىنى يولغا قويۇش بىلەن تونۇلغان جاۋ لىجيەننىڭ بۇ سۇيىقەست نەزەرىيەسىنىڭ تارقىلىشىدا كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. جاۋ لىجيەن بۇلتۇر 7-ئايدا تىۋىتتېردا: «نېمىشقا فورت دېترىكتىكى بىيولوگىيەلىك داۋالاش تەجرىبىخانىسى تاقىلىپ قالدى؟»، «ئامېرىكا قاچان مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆز دۆلىتىگە ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورىغانىدى.

خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگىنى بولغان يەرشارى ۋاقىت گېزىتى يەنە خىتاي تور ئەھلىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن فورت دېترىكنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا چاقىرغان ۋە «بىر قېتىم چېكىش بىلەنلا قاتنىشالايمىز» دېيىلگەن بۇ ئاتالمىش پائالىيەتتە 25 مىليون ئىمزا توپلانغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي چەت ئەلدىكى كىشىلەرنىمۇ خىتاي ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى مۇنازىرىگە جەلپ قىلىشقا تىرىشماقتىكەن.

يەرشارى ۋاقىت گېزىتى، خەلق كۈندىلىك گېزىتى، خىتاي خەۋەرلىرى تورى قاتارلىق خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى ئالدىنقى ئايدا «شىۋېيتسارىيەلىك بىيولوگ» دەپ تونۇشتۇرۇلغان ۋىلسون ئېدۋاردس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى مەنبەسى ھەققىدىكى سۆزىنى نەقىل ئېلىپ، كۆپ قېتىم خەۋەر ئىشلىگەن. بۇ خەۋەرلەردە مەزكۇر «بىيولوگ»نىڭ «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى خادىملار ۋە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ۋىرۇسى مەنبەسى ھەققىدىكى بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى (يەنى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى) قوللاپ قالسا، ئامېرىكىنىڭ ۋە بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ بېسىمىغا، ھەتتا تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ» دېگەنلىكى بايان قىلىنغان.

شىۋېيتسارىيە بولسا ۋىلسون ئېدۋاردس ئىسىملىك بىر پۇقرانىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، بىيولوگىيە ساھەسىدىمۇ بۇ ئىسىم بىلەن ئېلان قىلىنغان بىرەر ئىلمىي ماقالىنىڭ يوقلۇقىنى ئېلان قىلغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى ئۆچۈرۈۋېتىش ۋە بۇنى تۈزەتكەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىش تەلەپ قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 834 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2021 16:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق