تالىبانلار غەنىيمەت ئالغان قوراللارنى پاكىستانغا سېتىشقا باشلىدى

تۈركىيە تېز خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبانلار غەنىيمەت ئالغان قورال-ياراغلارنى پاكىستانغا سېتىشقا باشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، تالىبانلار ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىدىن ئېرىشكەن غەنىيمەتلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئەندىشە قوزغىلىۋاتقان بىر پەيتتە، تالىبانلارنىڭ غەنىيمەت ئالغان قورال-ياراغلارنى پاكىستانغا سېتىشقا باشلىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاننى كونترول قىلىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاش بىلەن بىرگە، بۇ يەردە ئۇزۇن يىل تۇرغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ تەقدىرىمۇ دىققەت قوزغىغان. تالىبانلارنىڭ بۇ قوراللار بىلەن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلانغان بولۇپ، يېڭىدىن ئاشكارىلانغان سۈرەتلەر تالىبانلارنىڭ غەنىيمەت ئالغان قوراللارنى پاكىستانغا ساتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مۇتەخەسسىسلەر تالىباننىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بۇ قەدەمنى باسقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ «ئەينەك گېزىتى»گە ئاشكارىلىشىچە، تالىبانلار سابىق ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىدىن ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن قالغان نۇرغۇن قورال-ياراغلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، تالىبانلار ھازىر بۇ قوراللارنى ئېكسپورت قىلىشقا باشلىغان. 

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۆت يىل ئىلگىرى ئامېرىكا ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە 758 ماشىنا، 208 ئايروپىلان ۋە 4700 ھەربىي ماشىنا بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى نۆۋەتتە تالىبانلارنىڭ قولىدا ئىكەن. ئۇندىن باشقا تالىبانلار غەنىيمەت ئالغان قوراللار ئىچىدە قارا بۈركۈت تىك ئۇچار ۋە A-29 دەرىجىدىن تاشقىرى ھۇجۇم ئايروپىلانى بار ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر تالىبانلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى، بولۇپمۇ ئىلغار ئايروپىلانلارنى مەشىق قىلماي تۇرۇپ ئىشلىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 1694 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2021 12:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق