خىتاي خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزدى

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى-2021»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 22-ئاۋغۇست كورلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر مۇسابىقىنى بۇ قېتىم خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تەشكىللىگەن بولۇپ، مۇسابىقىگە خىتاي، بېلارۇسىيە، مىسىر، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، ۋېنېزۇئېلا ۋە ۋىيېتنامدىن كەلگەن 18 كوماندا قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، «ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى ئولىمپىك» دەپ قارىلىپ كەلگەن خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەشەببۇس قىلغان خەلقئارا خاراكتېرلىك ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى بولۇپ، 2013-يىلى باشلانغان. بۇ يىللىق مۇسابىقىگە 18 كوماندا قاتناشقان بولۇپ، ئۈچ تۈر بويىچە ئون مەيدان مۇسابىقە ۋە يېپىلىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان ۋە خىتايغا قارشى تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتىدە تۇيۇقسىز زور ئۆزگىرىش بولغان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ بۇ ھەربىي يىغىلىشنى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈشى دىققەت قوزغىدى.

بۇ خەۋەر 844 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2021 11:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق