تالىبان تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغان ئەھمەد مەسئۇدقا قارشى ھەرىكەت باشلىغان

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 22-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغان پەنجشىر ۋادىسىدىكى ئەھمەد مەسئۇدقا قارشى قىسىم ئەۋەتكەن.

تالىبان رەسمىي تىۋىتتېر ھېساباتىدا پەنجشىر ئۆلكىسىنى تالىبانغا تىنچلىق بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىش تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، يۈزلىگەن تالىبان ئەسكەرلىرىنىڭ پەنجشىرغا قاراپ يولغا چىققانلىقى ھەققىدىكى سىنىنى ئېلان قىلغان. سىندا ماشىنىلىرىغا بايرىقىنى قاداپ تاشيولدا كېتىۋاتقان تالىبان ئەسكەرلىرى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ كونتروللۇقى سىرتىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى رايوننىڭ قوماندانى ئەھمەد مەسئۇد يەكشەنبە كۈنى كابۇلنى ئىشغال قىلغان تالىبانلار بىلەن تىنچ سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. مەسئۇد كابۇلنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تاغلىق پەنجشىر ۋادىسى ئۆلكىسىدىكى قورغىنىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، تېلېفون ئارقىلىق رويتېرس ئاگېنتلىقىغا: «بىز تالىبانلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ بىردىنبىر ياخشى ئۇسۇلىنىڭ ئۇرۇش ئەمەس، سۆھبەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن. 

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەھمەد شاھ مەسئۇدنىڭ ئوغلى مەسئۇد مۇخبىرغا يەنە ئەگەر تالىبانلار پەنجشىر ئۆلكىسىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنى مۇداپىئە قىلىپ ئۇرۇش قىلىشنى، ھەر قانداق مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا ئافغانىستاندىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سىغدۇرۇشچان، كەڭ دائىرىلىك ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە چاقىرغان.

تالىبان تەرەپنىڭ ھەرىكىتىنى باشلىغان-باشلانمىغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، تالىبان رەھبەرلىرى پەنجشىرغا قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ ئاللىقاچان باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما مەسئۇدنىڭ ياردەمچىلىرىدىن بىرى تالىبان ماشىنىلىرىنىڭ ۋادىغا تۇتىشىدىغان تار يولغا كىرگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئالامەت يوق ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇرۇش توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىر قىسىم غەرب دىپلوماتلىرى سىرتنىڭ قوللىشىنىڭ كەمچىللىكى ۋە قوراللارنى رېمونت قىلىش ۋە ئاسراشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇ يەرگە توپلانغان تالىبانغا قارشى گۇرۇپپىلارنىڭ ئۈنۈملۈك قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىدىن شەكلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1172 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2021 10:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق