خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۈچىنچى كۆۋرۈك كېلىشىمىنى بىكار قىلماقچى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى

بىلۇمبېرگ ئىقتىساد خەۋەرلىرى تورىنىڭ 22-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۈچىنچى كۆۋرۈكنىڭ پاي سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى بىكار قىلماقچى بولغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىرلەشمە گەۋدە ئىچىدىكى شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان جېجياڭ تېز سۈرئەتلىك تاشيول شىركىتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، كېلىشىمدىكى شەرتلەر ئەمەلىيلەشمىگەچكە، بىرلەشمە گەۋدە كېلىشىمنى بىكار قىلماقچى بولغان بولۇپ، بىرلەشمىنىڭ بۇ كېلىشىم دائىرىسىدە ھېچقانداق ھەق تاپشۇرمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىلۇمبېرگنىڭ بۇرۇنقى خەۋەرلىرىدە ئالاقىدار سۆھبەتنىڭ توختىغانلىقى، كېلىشىمگە بولغان پىكىر ئىختىلاپى سەۋەبىدىن سۆھبەتنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىمۇ سۆھبەتكە تەسىر قىلغان بولۇپ، خىتاي سودىگەرلەر گۇرۇھى قارمىقىدىكى خىتاي سودىگەرلەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولى تۈرى ۋە تېخنىكا پاي كونترول شىركىتى 2019-يىلدىن باشلاپ ئوخشىمىغان بەش مەبلەغ سالغۇچى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، تەخمىنەن 689 مىليون دوللارغا كۆۋرۈكنىڭ %51 پېيىنى سېتىۋالماقچى بولغان. 1.4 كىلومېتىرلىق ياۋۇز سۇلتان سېلىم كۆۋرۈكى ۋە ئۇنىڭغا تۇتىشىدىغان يوللار 2016-يىلدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ كۆۋرۈكنى سالغان ئىتالىيەلىك ئاستالدى گۇرۇھى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن پاي چېكىنى سېتىۋەتكەن.

باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پاي كونتروللۇق مەسىلىسى ۋە خىتاي مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ياۋۇز سۇلتان سېلىم كۆۋرۈكى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىنىڭ بانكىلار بىلەن بولغان سۆھبىتىمۇ يۇقۇم سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ سۆھبەت جەريانىدا ئىختىلاپ پەيدا بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەسلىدە بۇ پىلان سودا-سانائەت بانكىسى، خىتاي بانكىسى ۋە خىتاي سودا بانكىسى قاتارلىق بانكىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، قايتا مەبلەغ سېلىشتىكى ئاخىرقى شەرت توغرىسىدا ئىختىلاپ كېلىپ چىققان.

بۇ خەۋەر 1040 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2021 09:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق