رۇسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ مەسچىتكە بېسىپ كىرىش قىلمىشى نارازىلىق قوزغىدى

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى جۈمە كۈنى مەسچىتكە بېسىپ كىرىپ، 600 گە يېقىن ناماز ئوقۇغۇچىنى ئورۇنسىز قولغا ئېلىش قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى. 

موسكۋادىكى ئىسلام دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ ھەقتە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا دېيىلىشىچە، رۇسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى موسكۋا كوتېلنىكى رايونىدىكى مەسچىتتە جۈمە نامىزى ئوقۇۋاتقان تەخمىنەن 600 ئادەمنى قولغا ئالغان. ئاندىن ئۇلارنىڭ كىملىكىنى دەلىللىگەندىن كېيىن شۇ كۈنى كەچتە قويۇپ بەرگەن.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ مەسچىتكە بېسىپ كىرىش ۋە كونترول قىلىش جەريانىدا قوللانغان قوپال مۇئامىلىسىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن.

باياناتتا يەنە، رۇسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى خەتەرلىك جىنايەتچىلەر قولغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلەتكەنلىكلىرى تەكىتلىنىپ، مەسچىتلەرنىڭ خەتەرنىڭ مەنبەسى ئەمەسلىكى، بەلكى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئەخلاق تەربىيەسى ئېلىپ بارىدىغان ئورۇن ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئۇلارغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ۋە بۇ خىل ئالاھىدە ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا كۈچ كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا مەدەنىي سۆھبەتلىشىشكە چاقىرغان. باياناتتا، مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئا-تىلاۋەت سورۇنلىرىغا قارىتىلغان بۇ خىل ھۇجۇملار ئېتىقادچىلار ئارىسىدا جىددىيلىك پەيدا قىلىدىغانلىقى، رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ئىكەنلىكى، دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇقەددەس ھوقۇق ۋە قىممەت قاراشلىرى دەپسەندە قىلىنغاندا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 961 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2021 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق