ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتاسى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارشى تاموژنا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى

ئاۋسترالىيە خەلقئارا رادىيوسى SBS نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتاسى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش مەقسىتىدە تاموژنا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئىككى ھەپتە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، كېڭەش پالاتاسى 23-ئاۋغۇست تۇنجى بولۇپ زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش لايىھەسىنى ماقۇللىغان. بۇ تەكلىپنى مۇستەقىل كېڭەش پالاتا ئەزاسى رېكس پاترىك ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ تەكلىپ لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان. بۇ قانۇن ئاۋسترالىيە شىركەتلىرىنىڭ تولۇق ياكى قىسمەن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشىنى چەكلەيدىكەن.

بۇ لايىھە رېكس پاترىك خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئوتتۇرىغا قويغان لايىھە بولۇپ، لايىھەگە ئاساسەن تاموژنا قانۇنى ئاۋسترالىيەگە ئىمپورت قىلىنغان «مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق» دەپ قارالغان ھەر قانداق تاۋارغا جازا ئىجرا قىلىنىدىكەن. پاترىكنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىي ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدە ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان پاكىتلار بار ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ لايىھە كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تەستىقلىنىدىكەن. ئاۋام پالاتاسى تەستىقلىغاندىن كېيىن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ھەر قانداق مەھسۇلات شەھۋانىي بويۇملار، قورال ۋە ئوق-دورا ۋە ساختا دورا چەكلەنگىنىگە ئوخشاش دەرىجىدە جازالىنىدىكەن. مەزكۇر لايىھەنى ئىشچىلار پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى ۋە بىر قىسىم بىتەرەپ پارلامېنت ئەزالىرى قوللىغان. ئەمما ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىتتىپاق بۇنىڭغا قارشى چىققان. يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىردەك پارلامېنتنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان لايىھەنى ماقۇللاپ، چېگرا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشقا چاقىرغان.

 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئالدىنقى ئايدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇن ماقۇللىغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇندا شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق تاۋارلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

بۇ خەۋەر 829 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2021 14:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق