خىتاينىڭ شەنشىدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

نۇر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىگە تەۋە ناھىيە ۋە شەھەرلەردە قاتتىق كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 22-ئاۋغۇست  شۇ جاي ۋاقتى سائەت 8 دىن 23-ئاۋغۇست سائەت 8 گىچە، شەنشى ئۆلكىسى گۈەنجوڭنىڭ جەنۇبى ۋە شەنشىنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا ۋە ئەنكاڭنىڭ غەربىدىكى يەرلەردە قاتتىق يامغۇر ياغقان. 22-ئاۋغۇست شۇ جايدا ۋاقتى سائەت 17:00 دە، خەنجياڭ دەرياسى ياڭشيەن ناھىيە بېكىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن 2021-يىلى بولغان تۇنجى ئېغىر ئاپەت بولۇپ قالغان.

شەنشى ئۆلكىلىك سۇ ئىشلىرى نازارىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 22-ئاۋغۇست سائەت 8 دىن 23-ئاۋغۇست سائەت 8 گىچە، ئۆلكىدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى 99 ناھىيە (رايون) غا كېڭەيگەن. ئالتە رايوندىكى ھەر كوۋادىرات مېتىرغا ياغقان يامغۇرنىڭ مىقدارى 50-100 مىللىمېتىرغا، ئۈچ رايوندىكى ھۆل يېغىن مىقدارى  100 mmغا يەتكەن. ئەڭ يۇقىرى ھۆل-يېغىن خەنياڭدا يۈز بەرگەن بولۇپ، مىقدارى 127 مىللىمېتىرغا يەتكەن. چاڭياڭدىكى ھۆل يېغىن مىقدارى 110.2 مىللىمېتىرغا، پىڭخېدىكى ھۆل يېغىن مىقدارى 101 مىللىمېتىرغا يەتكەن. ئۆلكىدە جەمئىي 32 دەريادىكى سۇ مىقدارى يۇقىرى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىپ، 1959-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كەلكۈن ئاپىتى بولۇپ قالغان.

 22-ئاۋغۇست كۈنى سائەت 7:00 دىن 23-ئاۋغۇست سائەت 7:00 گىچە، ئەنكاڭ شەھىرىدىكى كۆزىتىش ئورۇنلىرىدا جەمئىي 178 قېتىم يامغۇرلۇق ھاۋارايىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلگەن. 23-ئاۋغۇست كەچ سائەت 7 دە، ئەنكاڭ شەھىرى 4851 ئائىلىدىن 12 مىڭ 128 ئادەمنى يۆتكىگەن. 1780 گېكتار زىرائەت ئاپەتنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان. 69 ئائىلىنىڭ 184 ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 341 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە كەلكۈن ئاپىتى ئەنكاڭدىن بەيخېغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان.

بۇ خەۋەر 731 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2021 13:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق