تالىباننىڭ ئورگان تور بېكەتلىرىنىڭ تۇيۇقسىز تاقىلىپ قېلىشى دىققەت قوزغىغان

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 21-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىباننىڭ ئورگان تور بېكەتلىرى جۈمە كۈنى كەچتە توردىن تۇيۇقسىز تاقىلىپ قالغان بولۇپ، سەۋەبى تېخىچە ئايدىڭلاشمىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تالىباننىڭ ئورگان تور بېكەتلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى تېخنىكىلىق خاتالىق ياكى باشقا بىر ئىش سەۋەبىدىن بولغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى بۇ ھەقتە تۇنجى بولۇپ خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، تالىبانلار بۇ تور بېكەتلىرىدە پۇشتۇچە، ئەرەبچە، ئوردۇچە، دارىچە ۋە ئىنگلىزچە بەش تىلدا ئايرىم-ئايرىم ئاڭلىتىش بېرىپ كەلگەن. ئەمما جۈمە كۈنى كەچتە بەش بېكەتكە تۇيۇقسىز ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالغان.

پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى كۈنلەردە تالىبانلار ئافغانىستاننى كونترول قىلغاندىن كېيىن، فېيسبۇك شىركىتى پۇقرالارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرى سەۋەبلىك تالىبانلار ئىشلىتىۋاتقان ۋاتسئەپ ھېساباتىنى تاقىۋەتكەن.

تالىبان تەرەپ 21-ئاۋغۇست تۇنجى قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، فېيسبۇك شىركىتىنى پىكىر ئەركىنلىكى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، يەنە بىزنى چەكلىدى، دەپ تەنقىد قىلغان.

نۆۋەتتە ئاساسلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تالىبانلار ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى، تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ باشقا رايونلىرىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، قانداق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىدىغانلىقى خەلقئارا دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە بولماقتا.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تالىباننىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا مەسئۇل رەھبىرى موللا ئابدۇغېنى بارادار شەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش سۆھبىتىنىڭ باشلىنىشىغا تەييارلىق قىلماقتىكەن.

بۇ خەۋەر 842 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2021 10:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق