ۋال كوچىسى گېزىتى: ئامېرىكا دىققىتىنى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا مەركەزلەشتۈردى

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، بارلىق كۈچىنى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى غەربىي تىنچ ئوكياندا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. خىتاينىڭ رايوندىكى زومىگەرلىك قىلمىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن مەزكۇر مانېۋىر ئىتتىپاقداشلىرىغا قىلغان ھەربىي ياردەم ۋەدىسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

تالىبانلار ئالدىنقى ھەپتە ئافغانىستاننى كونترول قىلغان بىر پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ 25 مىڭ دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرى ۋە باشقا دېڭىز ئارمىيە خادىملىرى مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مانېۋىردا غەربىي تىنچ ئوكياندىكى ئاراللارنى ئىشغال قىلىش ۋە كونترول قىلىش تەقلىد قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىرنىڭ بىرى بولۇپ، مانېۋىرغا نەچچە ئون پاراخوت ۋە سۇ ئاستى پاراخوتى قاتناشتۇرۇلغان. مانېۋىرغا ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە قىسىملىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. بۇ مانېۋىر 20 يىل ئىلگىرى ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ دىققەت مەركىزىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن. خىتاينىڭ رايوندىكى زېمىن تەلىپى ۋە زومىگەرلىكىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان مانېۋىردا ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قىلماقچى بولغان ھەربىي ۋەدىسىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1284 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2021 19:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق