خىتايلار پاكىستاندا يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىدە ئىككى كىشى ئۆلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پاكىستان ساقچىلىرى 21-ئاۋغۇست پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدا خىتاي پۇقرالىرىنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنىغا قارىتىلغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا ئىككى بالا قازا قىلىپ، ئۈچ كىشى يارىلانغان. ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 7 ئەتراپىدا گۋادار پورتىنىڭ دۇڭۋەن يولىدا يۈز بەرگەن. ساقچىلارنىڭ ئېتىشىچە، ھۇجۇم نىشانى بولغان خىتاي پۇقراسى يارىلانغان.

بالۇچىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى لىياكۇات شاھۋانى (Liaquat Shahwani)نىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇمدا ئىككى بالا قازا قىلىپ ئۈچ كىشى يارىلانغان. بالۇچىستان ئازادلىق ئارمىيەسى (BLA) بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.

ئازادلىق ئارمىيەسى (BLA) باياناتىدا، خىتاي ئىنژېنېرلىرى ئەترىتىگە پىدائىيلارنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھەرىكىتى قوزغىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 60 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، خىتاي -پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە ئەرەب دېڭىزىدىكى گۋادار پورتىنى ئېچىشقا قاتناشقان. مەزكۇر ئىقتىساد كارىدورى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ ، بىر يول» سودا پىلان تۈرىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، بىر كىچىك بالا يېقىن ئەتراپتىكى بېلىقچىلار ئولتۇراق رايونىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، ماشىنا ئەترىتىدىن 15 - 20 مېتىر يىراقلىقتا ئۆزىنى پارتلاتقان. نەتىجىدە نىشانلانغان خىتاي پۇقراسى يارىلانغان بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى گۋادار دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي پۇقرالىرىنى ئېلىپ ماڭغان تۆت ماشىنىنى ئارمىيە ۋە ساقچىلار قوغداپ ماڭغان. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە، پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خەيبەر پۇتۇخۋا ئۆلكىسىدە خىتاي پۇقرالىرى ئولتۇرغان ئاپتوبۇس ھۇجۇمغا ئۇچراپ توققۇز نەپەر خىتاي ئىشچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ئادەم ئۆلگەنىدى.

بۇ خەۋەر 798 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2021 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق