خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئەمگەك تەپتىش ئورگىنىغا تەۋە شىركەتنى تاقىۋەتكەن

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ 20-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئەمگەك تەپتىش ئورگىنىغا تەۋە بىر شىركەتنى تاقىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە قارشى ئەيىبلەشلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، باش ئىشتابى خىتاينىڭ شېنجېنغا جايلاشقان ۋېيتەي تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى ئامېرىكىدىكى ئەمگەك ھوقۇقى ئورگىنى بولغان «ۋېرىتې» شىركىتىگە قاراشلىق ئىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ شىركەت بۇ يىل 4-ئايدا خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن تاقىۋېتىلگەن.

خەۋەردە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەيىبلەشلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، دەپ تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، بۇ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈشىنى قىيىنلاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

گەرچە «ۋېرىتې» خىتاي تەپتىش ساھەسىدىكى رولى تولىمۇ كىچىك بولسىمۇ، ئەمما دىسنېي، ئالما قاتارلىق خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى مەزكۇر تەپتىش شىركىتىنى تەكلىپ قىلىپ، خىتاي زاۋۇتلىرىدىكى ئەمگەك مەسىلىسى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغان. مەزكۇر شىركەتنىڭ شېنجېندىكى تارمىقىنىڭ تاقىلىشى ئۇنىڭ خىتاي بازىرىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقانلىقىدىن، شىركەتلەرنىڭ خىتايدا ئەمگەكنى تەپتىش ۋە تەتقىق قىلىشتىكى بىر يولنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

بۇ خەۋەر 685 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2021 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق