خىتاي ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار دىپلوماتىك ھەرىكىتىنى كۈچەيتمەكتە

ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك ھەرىكەتلىرىنى كۆپەيتكەن بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئالدىنقى كۈنلەردە تۈركىيە ۋە پاكىستان ئەلەمدارلىرى بىلەن ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئورگان تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ يى 18-ئاۋغۇست ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۈركىيە ۋە پاكىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.

ۋاڭ يى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى بىلەن ئاساسلىقى ئافغانىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان بولۇپ، سۆھبەتتە: «ئافغانىستان ۋەزىيىتى بىر كېچىدىلا ئۆزگەردى. كېيىنكى ۋەزىيەت تالىباننىڭ ئافغانىستاندىكى سىياسەت يۆنىلىشىگە باغلىق بولۇپ قالدى. تالىبان باياناتچىسى ھېچكىمنىڭ ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ باياناتنى قارشى ئالىمىز، بىز باياناتنى كونكرېت سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق» دېگەن ۋە تالىباننىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشى كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن.

ۋاڭ يى شۇ كۈنى يەنە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. ئۇ سۆھبەتتە ئافغانىستاندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى سىياسىي قۇرۇلمىنى بالدۇرراق شەكىللەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش، ئافغانىستاننىڭ تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قېلىشىغا قارشى تۇرۇش، خىتاي ۋە پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى خادىملىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئافغانىستانغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى تەدرىجىي تەڭشەپ ياخشىلاش قاتارلىق تۆت نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئانالىزچىلار خەلقئارانىڭ ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىۋېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

تالىبانلار 15-ئاۋغۇست ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلغا كىرىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پىرېزىدېنت سارىيىنى ئىگىلەپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. خىتاي بولسا تالىباننىڭ ھەممە ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 741 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2021 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق