مالايشىيادا خىتاينىڭ ئالدامچىلىق ھەرىكىتى توسۇپ قېلىندى

«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مالايشىيالىقلار» تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن ھەمكارلىشىشى» تېمىسىدىكى يىغىن قارشىلىق نەتىجىسىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي مالايشىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە ئۆتكۈزمەكچى بولغان «خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن ھەمكارلىشىشى» تېمىسىدىكى يىغىن «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مالايشىيالىقلار» (M4U) مۇنبىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

مۇنبەرنىڭ رەئىسى فاھمى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا داۋاملىق  دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز يىغىننىڭ بىكار قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشالمىز. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەشۋىقاتتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن.

 

بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇسۇلمان دۇنياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور بېتى 18-ئاۋغۇست مالايشىيا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داتۇق سېرىد ھامىد ئەلبار ۋە خىتاينىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوۋياڭ يۈجىڭ قاتارلىقلار بىرلىشىپ، «خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن ھەمكارلىشىشى» تېمىسىدا يىغىن ئاچماقچى بولغانلىقىنى، يىغىنغا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ مېھمانلىرى ۋە باش ئەلچىلىرى قاتناشماقچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مالايشىيالىقلار» مۇنبىرى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، مالايشىيادىكى باشقا ئىسلام تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنبەرلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، مەزكۇر يىغىننى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان. ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن تەشكىللىمەكچى بولغان مەزكۇر يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

بۇ خەۋەر 774 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2021 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق