خىتاي بايلارنىڭ بايلىقىنى تەقسىملەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

NTV خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بايلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، دۆلەتنىڭ بايلىقنى قايتا تەقسىملەپ، دۆلەت ئىچىدىكى «ئارتۇق كىرىمنى تەڭشەپ» كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان باراۋەرسىزلىكنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 خىتاينىڭ بايلارنىڭ بايلىقىغا كۆز تىكىشى خىتاينىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ جازاسى سەۋەبىدىن 6-ئايدىلا باشلىغان بولۇپ خىتايدىكى ئەڭ باي كىشىلەرنىڭ بايلىقى % 16 ئازايغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى مالىيە ۋە ئىقتىسادىي ئىشلار كومىتېتى يىغىنىدا ئەمەلدارلارغا ھۆكۈمەتنىڭ «ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى كىرىمنى تەڭشەپ، يۇقىرى كىرىملىكلەر توپى ۋە كارخانىلارنى جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ پايدا يەتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك» دېگەن.

كومىسسىيە يەنە پارتىيەنىڭ مەركىزى كومىتېتىدا يېڭى باي ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر سىنىپىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە بولغان نارازىلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىن، خىتاينىڭ سىياسەت بەلگىلەشتىكى ئاساسلىق نۇقتىسىغا ئايلانغان «ئورتاق گۈللىنىش قارالمىسى» نى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرى بېيجىڭنىڭ پەن-تېخنىكىدىن تارتىپ مائارىپقىچە بولغان سانائەتتىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي شىركەتلەرنى قايتىدىن جانلاندۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 كۈزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرى ۋە بايلار ئۈستىدىكى نازارەتنىڭ كۈچىيىشى خىتايدا يېڭىدىن ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ قايتىپ كېلىش ئىشارەتلىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. 

بۇ خەۋەر 762 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2021 13:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق