يېڭى دوكلات: خىتاي BBC غا قارشى پىلانلىق ساختا تەشۋىقات ھۇجۇمى قوزغىغان

خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنياغا قاراتقان ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر پەيتتە، يەنە بىر يېڭى دوكلات خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كۆپلەپ پاش قىلغان BBC غا پىلانلىق ساختا تەشۋىقات ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

تور بىخەتەرلىك شىركىتى «خاتىرىلەنگەن كەلگۈسى» (Recorded Future) بۈگۈن يېڭى بىر تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ  قوللىشى ئاستىدا دەپ قارالغان نەچچە يۈزلىگەن ساختا خەۋەر تور بېكەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىنىڭ پىلانلىق ھالدا ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى BBC غا پىلانلىق ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق BBC نىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرمەكچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ ساختا خەۋەر تور بېكىتىدىن 57 سى ئېنىقلاپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ تور بېكەتلەر ئىنگلىزچە ياكى خىتايچە خەۋەر بېكەتلىرىگە ئوخشىتىپ ياسالغان. مەزكۇر شىركەتنىڭ مۇتەخەسسىسى، شۇنداقلا بۇ تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقۇچىلاردىن بىرى چېرىتي رايت (Charity Wright) خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات ھۇجۇمىدا «BBC خىتاينىڭ ئوبرازىنى سەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى» دېگەن پىكىرنىڭ كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ساختا تەشۋىقات ھۇجۇمىنىڭ كۆلىمىنىڭ زور ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارادىكى داڭلىق تاراتقۇ ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان BBC يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە ھەققىدە كۆپلىگەن نوپۇزلۇق خەۋەرلەرنى ئىشلەپ، خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانىدى ۋە بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىل 2-ئايدا BBC خەلقئارا خەۋەر قانىلىنىڭ خىتايدا تارقىتىلىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن ئىدى. مەزكۇر دوكلات خىتاي رېجىمىنىڭ BBC دىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ مەخپىي ۋە كەڭ كۆلەملىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

بۇ خەۋەر 876 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2021 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق