فىرانسىيە: تالىبان خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بەش شەرتنى ئورۇندىشى كېرەك

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې دىرىيان تالىباننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بەش شەرتكە رىئايە كېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.  

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، لې دىرىيان فىرانسىيە BFM قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «مەن تالىباننىڭ خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن، ئەمما تالىباننىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتى يېتەرلىك ئەمەس. تالىبانلار بەش خىل شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك» دېگەن.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوتتۇرىغا قويغان بەش شەرت بولسا ئافغانىستاندىن  ئايرىلىشنى خالايدىغان ئافغانىستانلىقلارنىڭ چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇش، ئۆز دۆلىتىنىڭ تېررورلۇقنىڭ پاناھگاھىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى كونكرېت ئىسپاتلاش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ ئافغانىستان زېمىنىغا كىرىشىگە يول قويۇش، ئاياللار ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت تەشكىللىشى قاتارلىقلار ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن تۈنۈگۈن خىتاينىڭ قايسى شەرتلەر ئاستىدا تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلگەندە، بۇنىڭغا بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ۋە پەقەت ئافغانىستاننىڭ ھەممە تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى نېد پىرايسمۇ ئالدىنقى كۈنلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، تالىبان يېڭىدىن قۇرماقچى بولغان ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما تالىباننىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، ئاياللارنى كابىنېتقا قاتناشتۇرۇش، تېررورچىلارنى قانات ئاستىغا ئالماسلىق قاتارلىق شەرتلەرنى ئورۇندىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

نۆۋەتتە تالىباننىڭ ئافغانىستاننى قايتىدىن ئىگىلىشى ئىجتىمائىي ئالاقە شىركەتلىرىگە يېڭى باش قېتىنچىلىقى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تالىبانغا تۇتقان مەيدانى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ  دىققىتىنى قوزغىغان. مەلۇم بولۇشىچە، فېيسبۇك شىركىتى ئۆز ۋاقتىدا تالىبانلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتكەن بولۇپ، 2012-يىلى فېيسبۇك سۇپىسىغا كىرىشىنى چەكلىگەن. فيېسبۇك شىركىتى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تالىبانغا قاراتقان جازا قارارلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان تەقدىردىمۇ، شىركەتنىڭ تالىبانلارغا قاراتقان چەكلىمىسىنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. يۇتيۇب شىركىتى بولسا ئامېرىكىنىڭ جازاسى سەۋەبىدىن بۇ تەشكىلاتنى چەكلىگەنلىكىنى ئېيتقان، ئەمما تىۋىتتېر تالىباننىڭ سۇپىدا مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويغان.

نۆۋەتتە تالىبان فېيسبۇكنىڭ تارماق شىركىتى بولغان ۋاتسئەپنى، شۇنداقلا تېلېگرامما ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىپ، ئافغانىستان خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئالاقە قىلماقتا ئىكەن.

بۇ خەۋەر 737 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2021 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق