چېن چۈەنگونىڭ سۆزلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چېن چۈەنگونىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ 2-تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئېغىرلىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يىغىندا سۆز قىلغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو: «2-تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، سىياسىي قۇرۇلۇشنى، نەمۇنىلىك رولىنى، قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك» دەپ جار سالغان.

چىن چۈەنگو يىغىندا ئاتالمىش «تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش» دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەرنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەزكۇر سۆز-ئىبارىلەرنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ كەلمەكتە. 

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»، «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى»، «باشقا يۇرتلارغا يۆتكەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» قاتارلىق پەردازلانغان ناملار بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي  قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە خەلقئارانىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا قارىماي، مەزكۇر جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 987 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2021 13:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق