ئامازون خىتاي سودىگەرلىرىگە سېتىش چەكلىمىسى قويدى

تۈركىيە رادىيو تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىنىڭ 18-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تور سودىسى ماگناتى ئامازون 5-ئايدىن باشلاپ سودا سۇپىدا ئاكتىپ مال سېتىۋاتقان 50 مىڭ خىتاي مال ساتقۇچىنىڭ ھېساباتىنى بىكار قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامازون شىركىتى مەزكۇر خىتاي ساتقۇچىلارنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا ئاكتىپ باھا بېرىش، ئىستېمالچىلارنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە، خېرىدارلارغا پۇل تۆلەش ياكى سوۋغات كارتىسى ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىدىغانلىقى بايان قىلغان. سېتىشتىن چەكلەنگەن ھېساباتلار ئىچىدە خىتاينىڭ داڭلىق شىركەتلىرىمۇ بار ئىكەن.

ئامازوننىڭ قارارى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تور سودىسى كارخانىچىلىرى شېنجېنغا يىغىلغان. شېنجېن چېگرا ھالقىغان تور سودىسى جەمئىيىتى ئامازوننىڭ خىتاي مال ساتقۇچىلىرىنى چەكلەش قىلمىشىنى «ئادالەتسىزلىك» دەپ ئەيىبلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، چەكلەنگەن ھېساباتلار بازارغا سالغان مەھسۇلاتلارغا ئوخشاش مەھسۇلاتلار ئامازون تەرىپىدىن سېتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىر ئىستراتېگىيەلىك قارار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. خەۋەردە يەنە خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان يېڭى سېتىش سۇپىسى قۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 744 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2021 11:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق