خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان ئىككى تەيۋەنلىك ئەمەلدار تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن تەيبېي رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى 18-ئاۋغۇست «خىتاي كوممۇنىست جاسۇسى» دەپ گۇمان قىلىنغان، پېنسىيەگە چىققان ئىككى تەيۋەنلىك ھەربىي ئەمەلدارنى تەكشۈرگەن.

18-ئاۋغۇست تەيبېي دائىرىلىرى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۈچۈن جاسۇس تەشكىللەش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پېنسىيەگە چىققان ھەربىي ئوفىتسېر چيەن ياۋودۇڭ بىلەن ۋېي شيەنيەننىڭ تۇرالغۇسىنى تەكشۈرگەن. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر دېلو تەيۋەندە بايقالغان ئەڭ چوڭ جاسۇسلۇق دېلوسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى گۇاڭجۇ شۆبىسىنىڭ نەچچە يىل ئىلگىرى تەيۋەنگە خادىم ئەۋەتىپ جاسۇسلۇق تەشكىلاتىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى بايقالغان. بۇ تەشكىلات ئەينى ۋاقىتتىكى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان مايور گېنېرال چيەن ياۋدۇڭ ۋە لېيتېنانت پولكوۋنىك ۋېي شيەنيى بىلەن بىرلىشىپ، تەيۋەنلىك پېنسىيەگە چىققان بىر تۈركۈم گېنېراللارنى مەزكۇر جاسۇسلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوبۇل قىلغان.

ئالما كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر دېلونى تەھقىق قىلغۇچىلار ئىلگىرى جاسۇسلۇق دېلوسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي بۆلۈمى گۇاڭجۇ شۆبىسىنىڭ 2012-يىلىدىن باشلاپ شېيىڭ ئىسىملىك خوڭكوڭلۇق سودىگەرنى يالغان كىملىك بىلەن تەيۋەنگە ئەۋەتكەنلىكىنى بايقىغان. مەزكۇر كىشى تەيۋەندە سودىگەر قىياپىتى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. بۇلاردىن سىرت، 2016-يىلى شې فامىلىلىك بىر سودىگەر تەيۋەنگە كەلگەندىن كېيىن، خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى پېنسىيەگە چىققان يۇقىرى دەرىجىلىك تەيۋەن گېنېراللىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا باشلىغان ۋە تاماققا تەكلىپ قىلىش ۋە سوۋغات بېرىشتىن باشقا، يەنە ئۇلارنى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە ئاپىرىپ، خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ ئىزچىل ھالدا تەيۋەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما دۆلەت مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 675 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2021 10:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق