خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىنى تېزلەتتى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 17-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر خىل كان بايلىقىنى بۇلان-تالاڭ قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشىنى تېزلەتكەن. بۇ يىل 6-ئايغىچە شەرقىي تۈركىستان بويىچە جەمئىي 137 مىليون 292 مىڭ توننا كۆمۈر قېزىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشۇرغان. شۇنداقلا كۆمۈردىن تەبىئىي گاز ئېلىش مىقدارى 1 مىليارد 540 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەن. 

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى» ئولېفىن ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنىڭ پولىئېتىلېن ۋە پولىپىروپىلېن ئىشلەپچىقىرىش مەيدانىدا، كۆمۈردىن پولىئېتىلېنلىق سىمولا دانچىسى ۋە پولى ئاكرىللىق سىمولا دانچىسىغا ئېرىشىلىدىكەن. نۆۋەتتە خىتاي ئېنېرگىيە گۇرۇھى ئاتالمىش شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى كۈنىگە تەخمىنەن 800 توننا پولىئېتىلېن مەھسۇلاتى، تەخمىنەن 1200 توننا پولىپىروپىلېن مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا جەمئىي 309 مىڭ 800 توننا پولىئېفېر مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىلىپ، 2 مىليارد 493 مىليون يۈەن كىرىم قىلغان.

ئۇندىن باشقا خىتاي يەنە 11-ئاۋغۇست قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئارا تۈرۈك ناھىيەسى نوم سانائەت باغچە رايونىدا گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ توزانلىق كۆمۈر گازىدىن پايدىلىنىپ، يىلىغا 400 مىڭ توننا ئېتىلېن گىلىكول ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلماقتىكەن. بۇ تۈر بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان. 

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1356 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2021 10:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق