ماركو رۇبىيو بايدېندىن تىك توكنى پۈتۈنلەي چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 18-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو پىرېزىدېنت بايدېندىن خىتاينىڭ تىك توك ئەپ دېتالىنى پۈتۈنلەي چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

ماركو رۇبىيو بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاي رېجىمىنىڭ تىك توكنىڭ ئانا شىركىتى بولغان ByteDance نىڭ ئاساسلىق تارماق شىركىتىگە پاي قوشقانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ ھازىر شىركەتنىڭ مۇدىرىيىتىدىكى ئۈچ ئورۇننىڭ بىرىنى ئىگىلىگەنلىكى، مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى سۇپىلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇبىيو باياناتىدا يەنە: «بايدېن ھۆكۈمىتى ئەمدى تىك توكنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالالمايدۇ... بۇندىن بۇرۇنمۇ تىك توكنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى» دېگەن.

ئۇ باياناتىدا يەنە پىرېزىدېنت بايدېننىڭ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، تىك توك ۋە ئۇنىڭ ئانا شىركىتىنى چەكلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا چەت ئەلنىڭ خەتەرلىك ئەپ دېتاللىرى ئامېرىكىنىڭ ئالاقە تورىغا كىرگەندە، چوقۇم ئالاقىدار تەلەپلەرگە بويسۇنۇشى كېرەك بولغان بىر باشقۇرۇش رامكىسى ئورنىتىپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ يىل 6-ئايدا تىرامپ دەۋرىدە يولغا قويۇلغان تىك توك ۋە ئۈندىدارغا قارىتىلغان چەكلىمىنى بىكار قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 741 قېتىم كۆرۈلدى
18/08/2021 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق