ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسىنىڭ خاتا ئۇچۇرى خىتاينى چۆچۈتۈۋەتتى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتلىق كېڭەش پالاتاسى ئەزاسىنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار تىۋىتتېر يازمىسى خىتاينى قاتتىق چۆچۈتكەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون كورنىن دۈشەنبە كەچتە تىۋىتتېر ھېسابىدا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە 30 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى يازغان، ئەمما بۇنى تېزلىكتە ئۆچۈرۈۋەتكەن. شۇنداقتىمۇ بۇ خىتاينى چۆچۈتكەن ۋە تاراتقۇلىرىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان.

خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگىنى بولغان يەرشارى ۋاقىت گېزىتى مەزكۇر كېڭەش پالاتاسى ئەزاسىنىڭ بۇ خاتالىقىنى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ ئەيىبلىگەن. يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ شىجىن تىۋىتتېردا بۇ توغرۇلۇق توختىلىپ، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر بۇ راست بولۇپ قالسا، خىتاينىڭ ئۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشىغا ۋە تەيۋەننى قورال كۈچى بىلەن ئىگىلىشىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى جار سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا 1979-يىلى خىتاي كوممۇنىستىك رېجىمى بىلەن دىپلوماتىك ئالاقە ئورنىتىشتىن بۇرۇن، تەيۋەندە ئەسكەر تۇرغۇزغان بولۇپ، كېيىن خىتاي بىلەن بولغان كېلىشىملەرگە ئاساسەن ئاستا-ئاستا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىققان.

بۇ خەۋەر 755 قېتىم كۆرۈلدى
18/08/2021 12:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق